غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس: «ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھنى قورشاۋغا ئېلىشى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىقتۇر»
ھاماس غەززەدىكى قىزىل كرېست ئەترەتلىرىگە يەنە ئىككى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
ھاماس: «ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھنى قورشاۋغا ئېلىشى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىقتۇر»
ھاماس: «ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھنى قورشاۋغا ئېلىشى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىقتۇر» / AA

ھاماس ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقاق ھالەتتە تۇتۇش قارارىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە «ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق» قىلىش ۋە ۋاسىتىچىلەرگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنى «ئىنكار قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، مىسىر بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقاق ھالەتتە تۇتۇلۇشىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشتە مۇھىم كېچىكىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقاق ھالەتتە قېلىشى ھەققىدە «خارابىلىك ئاستىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشكە كېرەكلىك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كىرىشىنى توستى ھەمدە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى ۋە كىملىكىنى ئېنىقلاشقا كېرەكلىك قوراللارنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېيىلدى. بۇ ئەھۋالنىڭ «جەسەتلەرنى تېپىش ۋە يۆتكەشتە مۇھىم كېچىكىشلەرگە» سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەندى.

نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى ئىلگىرىكى باياناتىدا، چېگرا ئېغىزىنىڭ «كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە» تاقاق ھالەتتە قېلىشىنى ۋە بۇنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ھاماس باياناتىدا: «نېتانياھۇنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە توسۇش قارارى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋاسىتىچىلەر ھەمدە كاپالەتچى تەرەپلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر» دېدى.

ھاماس نېتانياھۇنى «ساختا باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توسۇش ۋە مەجبۇرىيىتىدىن قېچىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

ھاماس ۋاسىتىچىلەر ۋە كاپالەتچى تەرەپلەرنى ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ چېگرا ئېغىزىنى دەرھال قايتا ئېچىشقا، كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە غەززەدىكى داۋاملىشىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاماس خەلقئارا قىزىل كرېست كومىتېتى ئەترەتلىرىگە غەززەدىكى ئىككى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ جەسىتىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 12-قانال تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «ئىككى ئىسرائىلىيەلىكنىڭ جەسىتى ھازىر قىزىل كرېستنىڭ قولىدا ۋە ئارمىيەگە قاراپ يولغا چىقتى» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلتىتىلدى.

ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە 20 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننى قويۇپ بەردى ۋە تۇتقۇنلۇقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 11 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. بۇنىڭ بەدىلىگە 2000 غا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى.

بۇ كېلىشىم ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان پىلانغا ئاساسەن ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئارىسىدا ھاسىل قىلىندى.

بىرىنچى باسقۇچ ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hamas hands over more remains of Israeli hostages under ceasefire deal

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى