ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئىران دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇماسلىقى «جەڭ ئېلان قىلىش» دەپ تەرىپلەنگەن ماھىرلارغا، ئىران تاراتقۇلىرىدا «ئۇرۇش ۋاقتىدىكى خائىنلار» دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلگەن ئىدى.
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىن ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر ماھىرنىڭ، كوماندا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئاۋسترالىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى تونىي بۇركې چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ئۆزگىرىشنى دەلىللىدى.
ئىراننىڭ سىرتتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىكى يەتتە كىشىنىڭ، مۇسابىقە ئالدىدىكى نارازىلىق نامايىشى سەۋەبىدىن ئۆز دۆلىتىدە «خائىن» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
كوماندا سەيشەنبە كۈنى كەچتە سىدنېيدىن كۇئالالۇمپۇرغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، يەنە بىر ماھىر بىلەن بىر ياردەمچى خادىم پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسى سۇندى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئىلتىماس سۇنغان بەش تەنھەرىكەتچىگە يەنە ئىككى كىشى قوشۇلدى.
بۇركې چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ گۇرۇپپىدىكى بىر كىشىنىڭ كېيىنچە «كوماندىدىن ئايرىلغان بەزى كوماندا ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە پىكرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى» ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«كوماندا ئەزالىرى ئۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگەن ۋە ئۇنى ئىران ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.»
بۇركې بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىران ئەلچىخانىسىنىڭ ھەممەيلەننىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بىلىپ بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مىنىستىر قالغان ماھىرلارنىڭ بىخەتەر بىر ئۆيدىن باشقا بىر يەرگە يۆتكەلگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
كوماندا ئۆمىكىنىڭ سىدنېيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مالايشىياغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كوماندا بىلەن بىللە بارغان ئەر نازارەتچىلەرنىڭ، باشقا ئاياللارنىڭمۇ پاناھلىق تىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇركې سىدنېي ئايرودۇرۇمىدا ھەر بىر ماھىرنىڭ ئۆمەكتىن ئايرىم تۇتۇلغانلىقىنى ۋە تەكلىپ ئۈستىدە ئويلىنىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
قارارىنى ئۆزگەرتكەن ئىران كوماندىسى ماھىر ھەققىدە توختالغان بۇركې، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ «بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆز قارارى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغانلىقىنى» ئەسكەرتتى.