سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي: ئۇكرائىناغا ساتقىنلىق قىلمايمىز
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ كىيېۋنى يا «ئىززەت-ھۆرمىتى» نى ياكى «ئىتتىپاقداش» ىنى يوقىتىپ قويۇش مەنىسىگە ئىگە ئۇرۇش پىلانى ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا.
زېلېنسكىي: ئۇكرائىناغا ساتقىنلىق قىلمايمىز
ترامپ: زېلېنسكىي 28 ماددىلىق پىلانىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ياكى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. [رويتېرس، ئارخىپ] / Reuters

ئۇكرائىنا پرىېزىدېنتى زېلېنسكىي ترامپنىڭ 28 ماددىلىق پىلانى سەۋەبىدىن ۋاشىنگتون بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ئۇ چاغدا [2022-يىلى] ئۇكرائىناغا ساتقىنلىق قىلمىغان، ھازىرمۇ ئۇنداق قىلمايمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي دۆلىتىنىڭ يا ئىززەت-ھۆرمىتىدىن ياكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى چىقتى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۇكرائىنانىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشى ئۈچۈن بىر ھەپتىدىنمۇ ئاز ۋاقىت بەرگەن بىر پەيتتە، زېلېنسكىي جۈمە (21-نويابىر) كۈنى ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مەنپەئەتىگە «ساتقىنلىق قىلمايدىغان» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھازىر بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەڭ قىيىن پەيتلەرنىڭ بىرى» دېگەن زېلېنسكىي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «

ئۇكرائىناغا بولغان بېسىم ئەڭ ئېغىر. ئۇكرائىنا ئىنتايىن قىيىن بىر تاللاشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. يەنى غۇرۇرىنى يوقىتىش ياكى مۇھىم بىر ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرى» دېدى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ يەنە ترامپنىڭ 28 ماددىلىق پىلانىغا قارىتا باشقا تاللاش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بۇ تەكلىپتىن چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ پىلان ئۇكرائىنانى زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، ئارمىيەسىنى قىسقارتىشقا ۋە ناتو (NATO) غا قوشۇلماسلىققا ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ.

بۇ پىلاننىڭ لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زېمىنغا ئېرىشىدۇ، يەر شارى ئىقتىسادىغا قايتىدىن قوشۇلالايدۇ ۋە «G8» گۇرۇھىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ.

زېلېنسكىي 2022-يىلى فېۋرالدا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا كىيېۋنىڭ ئىنكاسىنى قانداق تەشكىللىگەنلىكىنى ئەسلەپ: «بىز ئۇ چاغدا ئۇكرائىناغا ساتقىنلىق قىلمىغان، ھازىرمۇ ئۇنداق قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ پىلاننىڭ ئۇكرائىناغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكاغا بېرىدىغان جاۋاب توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن دەلىل-ئىسپاتلارنى كەلتۈرىمەن، قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن، باشقا تاللاشلارنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.»

ترامپ جۈمە كۈنى ئۇكرائىنانى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، كىيېۋدىكى مەنسەپدېشىنىڭ (زېلېنسكىينىڭ) بۇنى «ياقتۇرۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

ترامپ مۇخبىرلارنىڭ زېلېنسكىينىڭ بۇ پىلانغا بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋابەن: «ئۇ بۇنى ياقتۇرۇشى كېرەك، ئەگەر ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا، بىلىسىلەر، ئۇلار ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ نىيۇ يوركنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان زوھران مامدانى (Zohran Mamdani) بىلەن ئاقسارايدىكى ئوۋال ئىشخانىسى (Oval Office) دا كۆرۈشكەندىمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم توختالدى.

ئۇ: «ئۇلار بەلگىلىك بىر نۇقتىدا بىر نەرسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - This is Trump's 28-point plan to end Russia-Ukraine war

ياۋروپا ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى

زېلېنسكىي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج.د. ۋەنس (JD Vance) بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ ترامپنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارزۇسىغا داۋاملىق «ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

بۇ جەرياندىن چەتتە قالغان ياۋروپا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئالدىراۋاتقان بىر پەيتتە، زېلېنسكىي گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى بىلەن جىددىي تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئۇكرائىنا رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسى ئۇنىڭ يېقىندا ترامپ بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىلانى موسكۋا كونترول قىلىۋاتقان زېمىنلارنى ئەمەلىيەتتە «دېفاكتو»  (de-facto) رۇسىيەگە تەۋە دەپ تونۇشنى ۋە كىيېۋنىڭ دونېتسك رايونىنىڭ بەزى قىسىملىرىدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

كىيېۋ يەنە ئارمىيەسىنى 600 مىڭ ئەسكەر بىلەن چەكلەيدۇ، ناتوغا كىرمەسلىككە، زېمىنىدا ناتو قوشۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ.

بۇنىڭ بەدىلىگە، ئۇكرائىنا ئېنىق بولمىغان «ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى» گە ۋە چەت ئەل بانكىلىرىدا توڭلىتىلغان رۇسىيە مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلنىپ قۇرۇلىدىغان قايتا قۇرۇش فوندىغا ئېرىشىدۇ.

سۆھبەتلەردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتقا ئاساسلانغاندا، مۇھىم ئىتتىپاقداشلار — ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە زېلېنسكىي بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە «ئۇكرائىنانىڭ داۋاملىق ۋە ئادىل تىنچلىق يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي ۋە تولۇق قوللايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»