دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى

ئىران ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇجىمەللىكلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى.

By
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا ئالتە رىقابەتچى پۇلغا سېلىشتۇرۇلغان قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان دوللار كۆرسەتكۈچى 98.773 كە تۆۋەنلىدى، رويتېرس. / Reuters

تېز ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت مەبلەغ سالغۇچىلارنى خەتەرگە قانداق باھا قويۇشتا قىيىن ئەھۋالدا قويدى. بۇ دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى.

چارشەنبە (2026-يىلى 11-مارت) كۈنى دوللار ئاجىزلىدى، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى قەدىمىگە ئائىت ئىشارەتلەرنى كۈتمەكتە؛ ئۇرۇشنى ھەل قىلىشقا ئائىت زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىشىغا سەۋەب بولدى.

دۇنيا بازارلىرى ئامېرىكا پىرىزېدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇرۇشنى پات يېقىندا ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىغا دو تىكتى، ئەمما ترامپ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدا ئېنېرگىيە توشۇلۇشىنى توختىتىش ھەرىكىتىگە قارىتا، ئىرانغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا تەھدىت سالدى.

ئۇرۇش سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن دوللار، مەسىلىنىڭ تېزدىن ھەل بولۇشىغا بولغان ئۈمىد تۈپەيلىدىن ئۆرلەش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى، ئەمما ئانالىزچىلار ئۇرۇشنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىشىغا يەنىلا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقداش بانكاسىنىڭ (CBA) پېشقەدەم پۇل-مۇئامىلە ئىستراتېگىيەچىسى كرىستىنا كلىفتون (Kristina Clifton): «بىز يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇجىمەللىكنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇرۇشنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە ئاي داۋاملىشىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى.

ياۋرو %0.18 ئۆرلەپ 1.163175 دوللارغا يەتتى ۋە دۈشەنبە (2026-يىلى 9-مارت) كۈنىدىكى ئۈچ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ئازراق يىراقلاشتى. فوندستېرلىڭ %0.25 ئۆرلەپ 1.3449 دوللارغا يەتتى. يېن بىر دوللارغا 158.14 يېن بولۇپ، بۇ ھەپتە بېشىدىكى يەتتە ھەپتىلىك ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشتى.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتە خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان نىسبىتىدىكى قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان دوللار كۆرسەتكۈچى 98.773 كە چۈشتى، بۇ دۈشەنبە كۈنىدىكى ئۈچ ئايلىق ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئانچە يىراق ئەمەس.

ئۇرۇش 12-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىران ئارمىيەسى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر-بىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.

قورشاۋدا قالغان تېھران ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ قايتا قوزغىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «قورالنىڭ بەتلەكلىك» ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تېز ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت سودىگەرلەرنى خەتەرگە قانداق باھا قويۇشتا قىيىن ئەھۋالدا قويدى.

پېپېرستون (Pepperstone) نىڭ تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى كرىس ۋېستون (Chris Weston): «مەبلەغ سالغۇچىلار ئاساسەن <ساقلاپ كۆرۈش> پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەۋەر ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئېنىق بولۇشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، خەتەرگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باھا قويغىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش مۆلچەرى سەۋەبىدىن ئاۋسترالىيە دوللىرى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى

ئاۋسترالىيە دوللىرى يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە پۇل بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ تەۋرىنىش ھاسىل قىلغۇچى بولۇپ، 0.7182 دوللار بىلەن 2022-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا %0.86 ئۆرلەپ 0.718 دوللار بولدى.

ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئاۋسترالىيە مەركىزىي بانكاسى (RBA) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاندرېۋ خاۋزېر (Andrew Hauser) سەيشەنبە (10-مارت) كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ۋە كېلەر ھەپتىدىكى يىغىنىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بېسىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن كۆرۈلدى.

ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقداش بانكاسىنىڭ پېشقەدەم پۇل-مۇئامىلە ئىستراتېگىيەچىسى كرىستىنا كلىفتون: «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش مەركىزىي بانكانىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە بولغان مۆلچەرىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇرۇش فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا باشلانغاندىن بۇيان، بازارلار ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىدىن ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش مۆلچەرىگە، ياكى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازراق تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىگە قاراپ يۈزلەندى» دېدى.

بازارلارنىڭ يەنە بىر دىققەت نۇقتىسى، بۈگۈن (11-مارت) ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكانىڭ فېۋرال ئايلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بولىدۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، يادرولۇق ئىستېمال باھاسىنىڭ %0.2، ئومۇمىي باھانىڭ %0.3 ئۆرلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) سەيشەنبە (10-مارت) كۈنى خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ زور كۆلەملىك نېفىت زاپىسىنى بازارغا سېلىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى.