سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى كەچۈرگۈسىز ئۇرۇش جىنايىتى دەپ ئاتىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى ئىران دائىرىلىرى 168 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى كەچۈرگۈسىز ئۇرۇش جىنايىتى دەپ ئاتىدى
ئىران مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى كەچۈرگۈسىز ئۇرۇش جىنايىتى دەپ ئاتىدى / Reuters

ئىران دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى مىناب شەھىرىگە جايلاشقان بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە 28-فېۋرال كۈنى قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى «كەچۈرگۈسىز» ئۇرۇش جىنايىتى دەپ سۈپەتلىدى ۋە مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران دائىرىلىرى 168 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھۇجۇمنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

بەقايى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 28-فېۋرال كۈنى مىناب شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئامېرىكانىڭ توماخاۋك (Tomahawk) تىپلىق قوش باشقۇرۇلىدىغان بومبا» ھۇجۇمىنىڭ «168 نەپەر ئىرانلىق كىچىك پەرىشتىنى قەتل قىلغانلىقىنى» ئېيتىپ، بۇنىڭ «جازاسىز قالماسلىقىغا تېگىشلىك كەچۈرگۈسىز، ۋەھشىيلىككە تولغان ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۇجۇمنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھۆرمۇزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مىناب شەھىرىدىكى بىر قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىنى نىشان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 170 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىلگىرى ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىراننىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «كۆرگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، بۇنى ئىران قىلدى» دېگەن ئىدى.

ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدىغان «توماخاۋك» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ترامپ ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەيلا ئىراننىڭ بەزى «توماخاۋك» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بۇ دەۋانىڭ كېيىنچە خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا چارشەنبە كۈنى چىققان خەۋەرلەردە، داۋاملىشىۋاتقان بىر ھەربىي تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى