جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قارابۈكلۈك شېھىتنىڭ دادىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە چېگراسىدا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي يۈك ئايروپىلانىدا شېھىت بولغان ھاۋا ئايروپىلانى ئاسراش يۇقىرى دەرىجىلىك باش ئوفېتسىرى نۇرى ئۆزجاننىڭ دادىسى مەھمەت ئۆزجان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تەزىيە بىلدۈردى.

By
Erdogan states that Türkiye and Pakistan are working to strengthen further cooperation in various fields. / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قارابۈك مەركىزىگە قاراشلىق داۋۇتلار يېزىسىدا تەزىيە قوبۇل قىلىۋاتقان دادا ئۆزجانغا تېلېفون قىلدى.

ئەردوغان ئۆزجانغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: «مەھمەت ئەپەندىم، قايغۇڭلارغا ئورتاقمىز، ئاللاھ سەۋر ئاتا قىلسۇن. ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ئىنشائاللاھ. رەببىم، سىلەرنى سۆيۈملۈك ھەبىبىنىڭ يېنىدا ئاتا-بالا قوشنا قىلسۇن. ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىڭلار بولسۇن. پۈتۈن ئائىلىگە تەزىيەمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، ھەممىسىگە سەۋر تىلەيمەن» دېدى.

شېھىتنىڭ دادىسى ئۆزجانمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قارابۈك پارلامېنت ئەزالىرى جەم شاھىن ۋە دۇرمۇش ئەلى كەسكىنقىلىچ بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋىلايەتلىك رەئىسى فەرھات سالتمۇ ئۆزجان ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن زىيارەتتە بولدى.