نوبېل كومىتېتى: مۇكاپاتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ
مارىيا كورىنا ماچادو ئۆزىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مېدالىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا بەردى. ئەمما، نوبېل كومىتېتى بۇ مۇكاپاتنى «باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ» دېدى.
ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ماچادو ۋاشىنگتون كاپىتول تېغىدا، 14-يانۋار، ۋاشىنگتون، رويتېرس. / Reuters
ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مارىيا كورىنا ماچادو ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشى جەريانىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئۆزىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مېدالىنى شەخسەن ئۆزىنىڭ «تەقدىم قىلغانلىقى» نى ئېيتتى.
ئۇ پەيشەنبە (2026-يىلى 14-يانۋار) كۈنى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: بۇنىڭدىن 200 يىل ئىلگىرى، گېنېرال لافايېت (Marquis de Lafayette) سىمون بولىۋارغا (Simon Bolivar) جورج ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر مېدالنى سوۋغا قىلغان. بولىۋار ئۇ مېدالنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىغان.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ مېدال گېنېرال لافايېت تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقى بىلەن ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ مۇستەبىتلىككە قارشى كۈرىشىدىكى قېرىنداشلىق دوستلۇقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بېرىلگەن ئىدى. ئارىدىن 200 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بولىۋار ئەۋلادلىرى جورج ۋاشىنگتوننىڭ ۋارىسىغا بىر مېدالنى، يەنى بۇ قېتىمقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى بەردى» دېدى.
ماچادو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۇنى چەتكە قاققان بولسىمۇ كۆرۈشتى. ئاقساراي بۇ سۆھبەتكە «ئىجابىي» دەپ باھا بەردى.
ترامپ نىكولاس مادۇرونى تۇتقۇن قىلغاندىن بۇيان، ماچادونىڭ نېفىتقا باي دۆلەت ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مادۇرونىڭ مۇئاۋىنى دېلسى رودرىگېزنى قوللىغان ئىدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مادۇرونىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ماچادو، ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاقساراي سىرتىدا خۇشاللىققا چۆمگەن قوللىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇ نوبېل تىنچلىق مېدالنى ترامپقا تەقدىم قىلىپ، پىرېزىدېنتنىڭ كۆڭلىدە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بۇ مېدالنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كومىتېت ئېكس (X) بېتىدە: «نوبېل مۇكاپاتى بىر قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى بىكار قىلىشقا، ئورتاقلىشىشقا ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ قارار ئاخىرقى قارار بولۇپ، مەڭگۈ كۈچكە ئىگە. بىر مېدالنىڭ ئىگىسى ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ئەمما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى دېگەن نامنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.