خەلقئارا
0.63 مىنۇت ئوقۇش
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاندا 6 ئىرانلىق مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇللا بىن سەئۇد ئەلئەنەزىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.
00:00
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى
#NHP81: ئېلىمانىيە گېرمانىيە-ئىراندىن بولغان يەمشىت شەرمەھەدنىڭ ئېدىمىغا جاۋاب قاياتتۇرۇپ، ئۆز زېمىنىدىكى ئۈچ ئىران باش قونسۇلخانىسىنى تاقايدۇ / AFP

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، باش ئەلچى ئەنەزىگە «كۈچلۈك نارازىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نارازىلىق ئۇلتىماتومى»نىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەنە، «ئەلچىخانىغا ئالدىن ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە بۇ قەدەم كونسۇل مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئىرانلىقلار بىر قانچە يىل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدلىيە ئورگىنى تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىكەن. بۇ جەرياندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ كىشىلەرنى كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە جازانى يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇنغانىكەن.

باياناتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن ۋە كونسۇلخانا ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا بېرىپ، بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش ئىراندىمۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلار ئومۇمەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا