غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: غەربنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى 2 دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىشى كېرەك
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسىردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق قوللاشقا چاقىردى، ھەمدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: غەربنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى 2 دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىشى كېرەك
ئەردوغان: غەربنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى 2 دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىشى كېرەك / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارلىرىنى ئاددىي ئېتىراپ قىلىش قارارلىرى ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى يولىغا ئېلىپ بارىدىغان باسقۇچنىڭ ئۇل تاشلىرى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بۇ باياناتنى، مىسىردا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى باسقۇچتا، ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ پايدىسى بار. ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارلىرىنى ئاددىي ئېتىراپ قىلىش قارارلىرى ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى يولىغا ئېلىپ بارىدىغان باسقۇچنىڭ ئۇل تاشلىرى دەپ قارايمىز. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، تاشلانغان قەدەملەر يېرىم قالىدۇ ۋە نىشانغا تولۇق يەتكىلى بولمايدۇ.»

ئەردوغان تۈركىيە ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ، 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدا، پايتەختى شەرق قۇددۇس بولغان مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە جۇغراپىيەلىك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىسىر، قاتار ۋە تۈركىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بىرلىكتە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. ترامپ ئىمزا قويۇشتىن ئىلگىرى، بۇ كېلىشىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قائىدە – يوسۇنلارنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «بىز ئىمزالىغان بۇ كېلىشىم ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئاددىي ئىمزا قويۇش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان ھاماسنىڭ ئىنكاسىنى قوللىدى ۋە غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

 «غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك»

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە ۋە ئامېرىكانىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنىلىرىنى بېسىۋېلىش ئارقىلىق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى نارازىلىقلارنى يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ئېڭى بىلەن بىر دەپ قاراش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ نەتىجىسىز قالدى.»

غەززە خەلقىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن جاپا – مۇشەققەتلىرى ۋە دەرد - ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئەردوغان، ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

 ئەردوغان يەنە، ترامپ بىلەن ئورنىتىلغان دىپلوماتىك ئالاقىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ ئەردوغاننىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

 غەززەنى قايتا قۇرۇش مەسىلىسى تېخىمۇ كەڭ قوللاشنى تەقەززا قىلىدۇ

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇشقا قايسى تەرەپلەرنىڭ قاتنىشالايدىغانلىقىنى ھازىرمۇ مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پارس قولتۇقى ئەللىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا قوللاش چاقىرىقى قىلدى.

ئەردوغان پەلەستىندە ۋەيران بولغان ئولتۇراق رايونلارنى قايتا قۇرۇش پىروگراممىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرىلىقمۇ  توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، غەززەنى قايتا قۇرۇشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قىش كېلىشتىن بۇرۇن خەلقنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئەردوغان مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىش باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«قىش كېلىشتىن بۇرۇن غەززەلىكلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز.»

ئەردوغان يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەدىن غەززەگە جەمئىي 350 يۈك ماشىنىسىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ، ھاماس-ئىسرائىلىيە كېلىشىمىگە ئاساسەن، كۈنىگە كەم دېگەندە 600 يۈك ماشىنىسىنىڭ رايونغا كىرگۈزۈلۈشىنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاققا باستۇرۇپ كىرىپ 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى
شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىن مەكتەپلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئوقۇش باشلىيالمىدى
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى