ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى نىشان قىلغان ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى 2031-يىلى 30-ئۆكتەبىرگىچە بەش يىل ئۇزارتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت گۇرۇھىنى نىشان قىلغان 1600 گە يېقىن يېڭى ئېمبارگو قارارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كايا كاللاس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قەدەمنى رۇسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنادا باشلىغان ئۇرۇشتىن بۇيانقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى «ئەڭ كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىش» دەپ ناتىدى.
كاللاس: «بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنالىقلارنى قىرغىن قىلىشتا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە قىيىنلاشتۇرۇۋاتىمىز، ئاستىلىتىۋاتىمىز ۋە تەننەرخىنى ئۆستۈرۈۋاتىمىز» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يەنە شەخسىي ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتىنى 2027-يىلى 30-ئۆكتەبىرگىچە بىر يىل ئۇزارتتى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، چەكلىمە تەدبىرلىرى نۆۋەتتە 31 كىشى ۋە 6 ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان كىشى ۋە ئورگانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلدى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئۇلارنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يوسۇندا مەبلەغ ۋە ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلىشى مەنئىي قىلىندى. تىزىملىكتىكى كىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىمۇ چەكلەندى.






















