خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئەيدەرۇس زۇبەيدىنىڭ ھەربىي جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەقسىتىدە رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
سومالىلاندتىن موگادىشۇغا BAE ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ئايروپىلان. / Reuters

يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش ئارمىيە، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ رەھبىرى ئەيدەرۇس زۇبەيدىنىڭ كېمە بىلەن سومالىيلاندقا بارغانلىقىنى، ئاندىن سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇغا بارىدىغان بىر ئايروپىلانغا چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىتتىپاقداش ئارمىيە پەيشەنبە كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «زۇبەيدىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوفىتسېرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا» سومالىيلاندتىن مۇقدىشۇغا ئېلىپ بارغان ئايروپىلاننىڭ، ئەبۇ زەبىدىكى بىر ھەربىي ئايرودرومغا قاراپ ئۇچۇشتىن بۇرۇن بىر سائەت كۈتكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما زۇبەيدىنىڭ يەنىلا ئايروپىلاندا بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىدى.

ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ بۇ باياناتى، جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى (GGK) رەھبىرى زۇبەيدىنىڭ سۆھبەت ئۈچۈن رىيادقا ئۇچالمىغانلىقى ۋە تەقدىرىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ ئەھۋال ئۆتكەن ئايدا پارتلىغان ھەربىي جىددىيچىلىكنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا كۆلەڭگە چۈشۈردى.

يەمەننىڭ جەنۇبىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ كىرىزس، نېفىتقا باي پارس قولتۇقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلىتى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىي ئىسيانچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يەمەن ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى پارچىلىنىشقا ئىتتىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۇسىي ئىسيانچىلىرى 2014-يىلى يەمەننىڭ پايتەختى سانانى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، يەمەن ئىشلىرىغا تۇنجى قېتىم ئارىلىشىشقا باشلىغانىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كېيىنكى يىلى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمەتنى قوللاش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان قوللاۋاتقان ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە قاتناشقان.

جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى 2017-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا يەمەننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقلىرىنى كونترول قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغانىدى. جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى قىسىملىرى ئۆتكەن ئايدا تۇيۇقسىز كەڭ  تېررېتورىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى بىر-بىرىگە قارشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.

ئىزدىنىڭ
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى