سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى: نېتانياھۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
بۇ ئەيىبلەشلەر ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى - شىن بېت باشلىقى رونېن بارنىڭ ئالىي سوتقا مەكتۇپ يوللاپ، نېتانياھۇنىڭ ئۆزىگە ئالىي سوتنىڭ ئەمەس، بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇغانلىقىنى مەلۇم قىلىشىدىن كېيىن باش كۆتۈردى.
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى: نېتانياھۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
Netanyahu justified Bar's dismissal by citing a "lack of trust" in him as a result of the repercussions of the October 7, 2023, Hamas attack. / Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ22-كۈنى

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شىن بېت باشلىقى رونېن بارنىڭ نېتانياھۇنىڭ ئۆزىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئالىي سوتقا يوللىغان مەكتۇبىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزگە تەھدىت» دەپ ئاتىغان.

ئىسرائىلىيە 12 -قانالىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەيىبلەش ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ۋە يېش ئاتىد پارتىيەسى باشلىقى يائىر لاپىدنىڭ، دۆلەت لاگېرى پارتىيەسى رەھبىرى بېننى گانتز، يىسرائىل بېيتېينۇ (ئىسرائىلىيە ئۆيىمىز) پارتىيەسى رەھبىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى يائىر گولان بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، بارنىڭ خېتىدىكى بايانلارغا ئاساسەن، نېتانياھۇنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلەپ، بۇ ئەھۋالنىڭ «(ئىسرائىلىيەنىڭ) كېلەچىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يائىر لاپىد دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، بارنىڭ خېتىنىڭ «نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ۋە باش مىنىستىرلىقتا قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. لاپىد نېتانياھۇنى شىن بېتنى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى كۆزىتىش ۋە دېموكراتىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە نېتانياھۇ دەۋرىدە يېڭى بىر شىن بېت باشلىقىنىڭ تەيىنلىنىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن «ھەقىقىي تەھدىت» پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بۇ ئەمدى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس»

سابىق مۇئاۋىن ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گولان، نېتانياھۇنى «ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت» دەپ ئاتاپ، دەرھال ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

گولان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بارنىڭ قەسەم بەرگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان سۆزلىرىگە «بۇ ئەمدى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس... بۇ بىر ئېغىر ئەيىبلەش ۋە ئىسرائىلىيە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر» دەپ باھا بەردى. ئۇ نېتانياھۇنىڭ شىن بېت باشلىقىدىن «دۆلەتكە ساداقەتمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا  ئۆزىگە ساداقەتمەن بولۇشنى» تەلەپ قىلغانلىقىنى، «مەخپىي ئورگاننى پۇقرالارغا قارشى ئىشلىتىشنى، ئالىي سوتقا يالغان سۆزلەشنى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى شەخسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش»نى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

گولان نېتانياھۇنىڭ شىن بېتنى«سىياسىي رەقىبلىرىگە، نامايىشلارغا، دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن كوچىغا چىققان پۇقرالارغا قارشى ئىشلىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى. ئۇ نېتانياھۇنى «خەۋپسىزلىك ۋە سىياسەت جەھەتتە مەغلۇپ بولغان، قانۇن جەھەتتە بوغۇزىغىچە پاتقاققا پېتىپ قالغان باش مىنىستىر» دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ «قانۇنسىز بىر ھۆكۈمەتكە» رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ «ئەمەلىي بىر سىياسىي ئۆزگىرىش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەيىبلەشلەرنىڭ دەلىللىنىشى

دۈشەنبە ئەتىگەن بار ئالىي سوتقا سەككىز بەتلىك مەكتۇپ سۇنۇپ، مارت ئېيىدا ئۆزىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى چىقارغان نېتانياھۇنى ئەيىبلىدى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مەكتۇپ نېتانياھۇنىڭ شىن بېت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر يېقىنقى مەخپىي مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى دەلىللەيدىكەن.

بار نېتانياھۇنىڭ ئۆزىگە ئاساسىي قانۇن كىرىزىسى يۈز بەرگەندە ئالىي سوتقا ئەمەس باش مىنىستىرغا ئىتائەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغانلىقىنى ۋە شىن بېتنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارغا قارشى ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بار بۇ تەلەپنى «قانۇنسىز» دەپ ئاتىدى. مەكتۇپتا يەنە، نېتانياھۇنىڭ يەنە نامايىشچىلار ۋە ئۇلارنى مالىيە بىلەن تەمىنلىگەن كىشىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى. بار باش مىنىستىرنىڭ چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماسلىقى ئۈچۈن، ئەيىبلەشلەردە تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلارنىڭ ئۆزى [بار] تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كەسپىي پىكىر» دەپ يېزىشى ئۈچۈن «ئادەتتىن تاشقىرى بېسىم» ئىشلەتكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلدى.

نېتانياھۇنىڭ ئىنكاسى

نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بارنىڭ خېتىنى «يالغانلار بىلەن تولغان» ۋە «2023 -يىلى 7-ئۆكتەبىردىكى ھاماسنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغانلىق» دەپ ئاتىدى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئالىي سوت ھۆكۈمەتنىڭ بارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى تەيىنلىشىنى ياكى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئەمەلدارلارغا يوليورۇق بېرىشىنى چەكلەيدىغان ۋاقىتلىق تەدبىر قارارىنى چىقارغانىدى. بۇ قارار ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن بارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارشى سۇنۇلغان ئىلتىماسلار كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كېيىن چىقىرىلغان.

20-مارت ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى شىن بېت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەستىقلىغان ۋە بۇ قارارنىڭ 10-ئاپرېلدا ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانغانىدى. ئەمما، 21-مارت ئالىي سوت ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش تاماملانغۇچە ھۆكۈمەتنىڭ بارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى توڭلىتىپ قويدى. نېتانياھۇ بارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى 7-ئۆكتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئاقىۋىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بولغان «ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى» بىلەن ئاقلىدى. ئەمما بار باش مىنىستىرنىڭ قارارىنىڭ سىياسىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىپ، بۇنىڭ نېتانياھۇنىڭ «شەخسىي ساداقەت» تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى

بار بىلەن نېتانياھۇ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش نېتانياھۇنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى بىر تەرەپلىمە ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 51 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ [كېيىنكى مەلۇماتلاردا بۇ سان 62 مىڭدىن ئارتۇق دەپ يېڭىلاندى] ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى قايتا باشلىشى بىلەن داۋاملاشماقتا.

ئىسرائىلىيە قورشاۋدىكى بۇ رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەيران قىلىۋەتتى ۋە پۈتكۈل دېگۈدەك نوپۇسنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىدى. تېل ئاۋىۋ يەنە رايوننى قاتتىق قورشاۋغا ئېلىپ، يېمەكلىك، سۇ، دورا، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ۋە باشقا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇۋالدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى