سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى يەرشارى ۋە رايون مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالبانىيەدىن قايتىشىدا: «ئىككى چوڭ ئىتتىپاقداش ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدە ئارىمىزدا ھېچقانداق چەكلىمە ۋە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك» دېدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى يەرشارى ۋە رايون مۇقىملىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېدى
The Turkish president insisted that there should be no constraints on defence collaboration between the two nations. / TRT World and Agencies

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېز ئۆزگىرىۋاتقان يەر شارى مۇھىتىدا تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىەىك مۇناسىۋەتكە تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە كۈنى ئالبانىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىدىن قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى رايونىمىز ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىجابىي ۋە نەتىجىگە يۈزلەنگەن دىيالوگ مۇنبىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ئورتاق قىممەت قاراش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش تەرەپكە قايتىدىن مەركەزلىشىش چاقىرىقىدا بولدى. ئەردوغان مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە ئېمبارگو مەسىلىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جىددىيلىك توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز CAATSA مەسىلىسىدە يۇمشاش بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز. بىزنىڭ CAATSA مۇساپىسىنى تېخىمۇ تېز يېڭىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

 

مۇداپىئە ھەمكارلىقى

 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىغا چەكلىمە قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئىككى چوڭ ئىتتىپاقداش ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇداپىئە ساھەسىدە ئارىمىزدا ھېچقانداق چەكلىمە ۋە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك.

ئەردوغان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىمىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق روھىغا زىت بارلىق توسالغۇلارنىڭ يوقىتىلىشىدۇر. ھەر بىر ئىجابىي قەدەم قىممەتلىك، مەن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنىڭ قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

 

تىنچلىق ۋە مۇقىملىق

 

ئەردوغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەگە 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.

ئەردوغان ياۋروپانى سۈرىيەدىكى تېرورلۇقنى تۈگىتىش ۋە شەھەرنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاشتا مەسئۇلىيەت ئېلىشقا چاقىردى. ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگونى بىكار قىلىش قارارىنى ئىجابىي مىسال سۈپىتىدە باھالىدى.

ئەردوغان: «مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئەپەندىنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگونى بىكار قىلىش قارارىنى ئىنتايىن مۇھىم  ۋە مەنىلىك دەپ قارايمەن دوستۇم ترامپنىڭ قارارىنىڭ بارلىق قىزىقىدىغان تەرەپلەرگە، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ ھازىر سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى. سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا ئىككى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. بىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق» دېدى.

بۇ پوزىتسىيەننىڭ سۈرىيەدىلا ئەمەس، قوشنا ئىراقتىمۇ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا ھالقىغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: « پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈنلەي قورالسىزلىنىشى، تارقىلىپ كېتىش قارارىنىڭ تولۇق ئىقرا قىلىنىشى ۋە قانۇنسىزلىقتىن ۋاز كېچىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكتىكى قەتئىي ئىرادىسى

 

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا ۋە دىپلوماتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئۈچ يىللىق جەرياندا تۇنجى قېتىم جەم بولغان رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ ھەپتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى تەرەپەك دىققەتلەرنى تارتىپ: «بىز تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت يولىنى ئوچۇق تۇتۇپ، مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز» دېدى.  

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاشىنگىتون، موسكۋا ۋە كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى ۋە ياۋروپانى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى قوللاشقا چاقىردى.

ئەردوغان: «بىز ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سەزگۈر جەريان ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيە پىرېزىدېنتى ياۋروپانى «سىياسىي توساقلارن ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش» تىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى، ئەكسىچە بولغاندا ياۋروپانىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا زىيان يېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئەردوغانئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپانىڭ سۈكۈتتە تۇرۇش پەرۋازسىزلىقىغا ئورۇن يوق. بىر پەقەت <ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇۇڭ> دېيىش بىلەنلا قالمايمىز ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز،شارائىت ھازىرلايمىز ۋە ھەرىكەتكە چاقىرىمىز. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوراللار جىم بولۇشى كېرەك، دىپلوماتىيە سۆز قىلىشى كېرەك. تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىشى  ۋە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك» دېدى.

ئەردوغان يېقىندا پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ئەگەر تەرەپلەر تەلەپ قىلسا، بىز چوقۇم ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئورۇندايمىز. بىز تىنچلىقنى خالايمىز؛ ئىككى قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى خالىمايمىز» دېدى.

 

غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى

 

ئەردوغان غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ياۋروپانى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ، ئاكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسى ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇملار ئالدىدا ياۋروپانىڭ سۈكۈتتە تۇرۇش پەرۋازسىزلىقىغا ئورۇن يوق. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز بارلىق ۋاستىلارنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بۇ رايوننىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق يولى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىق بولىدۇ. ئەڭ ئۈنۈملۈك يول 1967-يىلدىكى چېگرا دائىرىسى ئىچىدە شەرقىي قۇددۇس پايتەخت دەپ قوبۇل قىلىنغان، جۇغراپىيەسى تۇتاش بىر پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىسرائىلىيە ھەر كۈنى نەچچە ئونلىغان غەززەلىك كىچىك بالىلارنى ، ئاياللارنى ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئۇلار بۇ ساراڭلىق ھالىتىدىن قانچە بالدۇر ۋاز كەچسە، ھەممەيلەن ئۈچۈن شۇنچە ياخشى بولىدۇ. غەززەنىڭ بىر كۈننىمۇ قولدىن بېرىپ قويغۇدەك ۋاقتى يوق، بۇنى بارلىق مۇنبەرلەردە تەكىتلەۋاتىمىز، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ