سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس: پەلەستىن خەلقى ئۆز زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇلار قورال تاشلىمايدۇ
ھاماس تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى خالىد مەشئەل،پەلەستىننىڭ كەلگۈسىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىك ۋە قارشى تۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى.
00:00
ھاماس: پەلەستىن خەلقى ئۆز زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇلار قورال تاشلىمايدۇ
FILE PHOTO: ھاماس ۋە ئىسرائىل ئارىسىدىكى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى / Reuters

ھاماسنىڭ دىياسپورا ئىشخانىلىرىنىڭ رەئىسى خالىد مەشئەل، يەكشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا  سۆز قىلىپ، پەلەستىن خەلقىگە تاشقىرىدىن ھېچقانداق سىياسىي سىستېمىنى مەجبۇرىي تېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھاماس يەكشەنبە كۈنى مەشئەلنىڭ مىسىرنىڭ قاھىردە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنىڭ شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ ۋىدېيوسىنى تارقاتتى.

مەشئەل نۇتقىدا: «غەززە پەقەت ئۇنىڭ خەلقىگە تەۋە. نە غەززە، نە غەربىي قىرغاق خەلقى ئۆز زېمىنىنى باشقا جايلارغا تېگىشمەيدۇ» دېدى.

پەلەستىننىڭ پەلەستىندىن باشقا تاللىشى يوق

مەشئەل، ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋىدىكى غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ساداقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،  «پەلەستىننىڭ پەلەستىندىن باشقا تاللىشى يوق. ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگە بولغان ھۆرمىتىمىز داۋاملاشسىمۇ، ھېچقانداق جاي زېمىنىمىزنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ» دېدى.

خالىد مەشئەل پەلەستىننىڭ پەقەت ئۇنىڭ خەلقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق يات سىياسىي سىستېمىنى تاڭغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، پەلەستىننىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مىللىي بىرلىكنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەرەب دۇنياسىنى پەلەستىن خەلقىنى قوللاشقا چاقىردى.

ئۇ غەززەنىڭ چوڭ بىر قىلتاققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، سۈرگۈنگە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاچ قويۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا « غەززەنىڭ كەلگۈسى، ھۆكۈمىتى، قوراللىرى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى تەھدىت ئاسىتدا تۇرماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ