خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
ئامېرىكادىكى «بلۇمبېرگ» مېدىيا شىركىتى كرېمىلنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى «تاكتىكىلىق يادرو قورالى» ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە رۇسىيەنىڭ يادروسىز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىمۇ كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى

ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق تاراتقۇ شىركىتى «بلۇمبېرگ» كرېمىلنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى «تاكتىكىلىق يادرو قورالى» ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«بلۇمبېرگ» نىڭ كرېمىلغا يېقىن ئۈچ مەنبەگە تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو  ئەزالىرىنىڭ كىيېۋنى قورال ۋە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشى سەۋەبىدىن، ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇملىرىنى «ناتو ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمى» دەپ قارىماقتا.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «كرېمىلغا يېقىن مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇم ۋە قايتۇرما ھۇجۇم دەۋرىيلىكى، بارغانسېرى كۆپ رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنى پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تاللىشى مۇمكىن دېگەن خۇلاسىگە كەلتۈرمەكتە».

مەنبەلەر نۆۋەتتىكى توقۇنۇش باسقۇچىنىڭ ھەربىي جىددىيلىشىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار رۇسىيەنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنىڭ تۇرمۇزلىنىپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، موسكۋا كىيېۋ ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھە نىشانلىرىغا قارىتىلغان كۈچلۈك يادروسىز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە يەنە: «ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى نەتىجە بەرمىدى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشقا مەركەزلىشىشى سەۋەبىدىن سۆھبەتلەر تورمۇزلىنىپ قالدى» دەپ باھا بېرىلدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا يېقىنقى ئايلاردا بىر-بىرىنىڭ زېمىنىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن.

ئۇكرائىنا رۇسىيەدە كەڭ كۆلەملىك يېقىلغۇ كەمچىللىكىنى پەيدا قىلغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ۋە چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركەتلىرىنىڭ ئامبارلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان. بۇ ھۇجۇملارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تورىغا مىلياردلارچە دوللارلىق زىيان يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى