خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەدىكى ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتى زەربىگە ئۇچراپ پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىتىلدى
رۇسىيەدىكى ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىدى.
رۇسىيەدىكى ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتى زەربىگە ئۇچراپ پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىتىلدى
رۇسىيەدىكى ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتى زەربىگە ئۇچراپ پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىتىلدى

ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى نېپىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يېقىلغۇ تەمىناتىدا ئاقساشلار كۆرۈلمەكتە.

رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ رايونىدىكى ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئىشتىن توختاپ قالغانلىقى، رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ 6 ئايغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئورېنبۇرگ ئۆلكە ھاكىمى يېۋگېنىي سولنتسېۋ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، 11-ئاۋغۇستتا ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالدى.

ھۇجۇمدا نېپىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ھالقىلىق ئۇل-ئەسلىھەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر بۆلۈملەرنىڭ رېمونت قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن سولنتسېۋ: «مۇئەسسەسە پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىدى. ئەڭ يامان سېنارىيەگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. سىرتتىن كەلتۈرۈلىدىغان يېقىلغۇغا تايىنىشقا مەجبۇر بولىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇئەسسىسەدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سولنتسېۋ، ئېمبارگولار سەۋەبىدىن رېمونت قىلىش مۇددەتلىرىنىڭ 6 ئايغىچە ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

سولنتسېۋ رايوندا يېقىلغۇ تەمىناتىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورېنبۇرگدىكى 287 يېقىلغۇ ئېلىش ئىستانسىسىنىڭ %80 نىڭ پائالىيەتتە ئىكەنلىكىنى، يېقىلغۇ تەمىناتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئالدىن ئۆتۈشتەك ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىنىۋاتقانلىكىنى ئېيتتى.

ئورسكقا جايلاشقان نېپىت ئايرىش زاۋۇتى 11-ئاۋغۇستتا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مۇئەسسىسەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى. ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى نېپىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يېقىلغۇ تەمىناتىدا مەسىلىلەر كۆرۈلگەن، بېنزىن ۋە دىزېل ئېكسپورتى توختىتىپ تۇرۇلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار