ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە يادرو ئالىملىرى
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 14 ئىران يادرو ئالىمى ۋە بىر قانچە ھەربىي ئەمەلدار ئۆلتۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە يادرو ئالىملىرى
نامايىشچىلار شەنبە كۈنى (14-ئىيۇن) ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ پىلاكاتلىرىنى كۆتۈردى. / AP
2025-يىلى6-ئاينىڭ18-كۈنى

ئىسرائىلىيە 13-ئىيۇندىن باشلاپ، ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلاپ، بىر قىسىم مۇھىم يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورۇنلارغا زەربە بەردى. ھازىرغىچە بۇ قېتىملىق ھۇجۇملاردا 104 تىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 380 گە يېقىن ئادەم يارىلاندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 ئىران يادرو ئالىمى ۋە بىر قانچە ھەربىي ئەمەلدار جېنىدىن ئايرىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ توققۇز يادرو ئالىمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى X (ئىلگىرىكى تۋىتتېر) دا ھەمبەھرلىگەن باياناتىدا: «ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل توققۇز پېشقەدەم ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جېنىدىن ئايرىلغان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھاكىمىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئېرىشىش ئىقتىدارىغا زور زەربە بېرىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Won't kill Iran's supreme leader — at least 'for now': Trump

ئۇنداقتا ھازىرغىچە ئۆلتۈرۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ئالىملار كىملەر؟

ھەربىي ئەمەلدارلار

ئۆلتۈرۈلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن 16 كىشى، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى (IRGC) نىڭ 20 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ئىچىدە.

گېنېرال مايور مۇھەممەد باغىرى ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بولغان. ئۇ ئىراندىكى ئەڭ پېشقەدەم ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ ، ئالىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى ھامېنىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ ئىران تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇ ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىغا قاتناشقان، ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.

 

2002-يىلدىن 2014-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، ئۇ قوراللىق قىسىم باش ئىشتابىدا ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىق بولغان. ئۇ 2016-يىلى ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامېنى تەرىپىدىن ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

ھۈسەيىن سالامى ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ باش قوماندانى ئىدى. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ 1980-يىلى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىغا قاتناشقان ، 1997-يىلدىن 2006-يىلغىچە ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ 2019 -يىلى 4-ئايدا ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان.

غولام ئەلى رەشىد ئىراننىڭ خەتەم ئەل ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئىدى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا ئاساسلىق ھەربىي ئوفىتسېرلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قوراللىق قىسىملارنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

ئامىر ئەلى ھاجىزادە ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى ئالەم قاتنىشى ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان. ئۇ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇ ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئالەم قاتنىشى ئەترىتىگە قاتناشقان.

ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيەسى، «ھاجىزادە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىشتە ئاساسلىق رول ئوينىدى» دەپ خەۋەر قىلدى.

مۇھەممەد كازىمى ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل قوماندان بولغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن باشقا ھەربىي ئوفېتسىرلار: موخسېن باغىرى ، داۋۇت شېخيەن، مۇھەممەد باغىر تاھىرپور، مەنسۇر سافارپور، مەسئۇت تاييىب ، ھۆسرو ھەسەنى، مۇھەممەد جافارى ۋە جەۋاد جارسارا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US sending additional fighter jets to Middle East: report

ئالىملار

ئىراننىڭ تاسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن مۇھەممەد مەھدى تاھرانچى ۋە فەرىدۇن ئابباسىنى «داڭلىق يادرو ئالىملىرى» دەپ خەۋەر قىلدى.

فەرىدۇن ئابباسى ئىران پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى ئىدى. ئۇ 2011-يىلدىن 2013-يىلغىچە ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلغان، 2010-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن ئامان قالغان.

 

مۇھەممەد مەھدى تاھرانچى نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى بولۇپ، ئىران ئىسلام ئازاد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ئابدۇل ھامىد مىنۇچېھىر شاھىد بېھېشتى ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى.

ئەھمەد رىزا زولفاگارى شاھىد بېھېشتى ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئىدى. مىنۇچېر ۋە زولفاگارى ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈرلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

ئامىر ھۈسەيىن فاگىخى شاھىد بېھشتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يادرو پرىوفېسسورى. يادرو پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ يېڭى يادرو تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىراننىڭ پەن-تەتقىقات ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان.

سەئىد بورجى مالەك ئاشتار سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ماشىنىسازلىق ۋە ماتېرىيال (قاتتىق) قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 2020-يىلى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىران يادرو ئالىمى موخسېن فاخرىزادە بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان.

ئۆلتۈرۈلگەن يەنە بىر يادرو ئالىمى مۇتەللىبزادە ھەققىدە چەكلىك ئۇچۇرلار بار.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان