تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردىئەنقەرە ھىندونېزىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە ھىندونېزىيەگە يېتىپ باردى.

خاقان فىدان پايتەخت جاكارتادا ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇگىيونو تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

فىدان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرىدە، تۈركىيە – ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

 تارىخىي رىشتىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

تۈركىيە ھىندونېزىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1950-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 1957-يىلى ئېچىلغان.

تۈركىيە بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى 2022-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا قۇرۇلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى