خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
يوقاپ كەتكەن بېلگىيەلىك تاغقا ياماشقۇچىنىڭ تېلېفونى ئىككى يىلدىن كېيىن تاسمىنىيەدە تېپىلدى
2023-يىلى ئىيۇندا يوقاپ كەتكەن بېلگىيەلىك ساياھەتچى سېلىن كرېمېرغا تەۋە يانفوننىڭ تېپىلىشىدىن كېيىن، تاسمىنىيە ساقچىلىرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خۇسۇسىي ئىزدەش خىزمەتلىرىگە قاتناشتى.
يوقاپ كەتكەن بېلگىيەلىك تاغقا ياماشقۇچىنىڭ تېلېفونى ئىككى يىلدىن كېيىن تاسمىنىيەدە تېپىلدى
يوقاپ كەتكەن بېلگىيەلىك تاغقا ياماشقۇچىنىڭ تېلېفونى ئىككى يىلدىن كېيىن تاسمىنىيەدە تېپىلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمىنىيە ئىشتاتىدا، تەبىئەت سەيلىسى قىلىش جەريانىدا يوقاپ كەتكەن بېلگىيەلىك ساياھەتچى سېلىن كرېمېرغا تەۋە يانفون، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن پەيلاسوپ شارقىراتمىسى (Philosopher Falls) يېقىنىدا تېپىلدى. بۇ ئىلگىرىلەشكە ئەگىشىپ، تاسمىنىيە ساقچىلىرى كرېمېرنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خۇسۇسىي ئىزدەش خىزمەتلىرىگە رەسمىي ھالدا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ساقچىلار، تېلېفوننىڭ ئىلگىرى ئىزدەش ئېلىپ بېرىلغان بىر رايوندا تېپىلغانلىقىنى ۋە ئۈسكۈنىنىڭ ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلدارلار، بۇ بايقاشنىڭ كرېمېرنىڭ يوقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.

كرېمېرنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن دوستلىرى، ھەپتە ئاخىرىدا رايوندا يېڭى بىر ئىزدەش خىزمىتى باشلىغان ئىدى. بېلگىيەدىن كەلگەن تۆت دوستىمۇ قاتناشقان ئىزدەش خىزمىتىنىڭ بەش كۈن داۋاملىشىشى پىلانلانماقتا.

تاسمىنىيە ساقچىسى ئىدارىسدىن راۋېتچىك ئاندېۋ ھانسون، تېلېفوننىڭ تېپىلغان ئورنى ۋە ئېرىشىلگەن رەقەملىك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ، كرېمېرنىڭ قۇياش پېتىشقا يېقىن سائەتلەردە تېخىمۇ قىسقا بىر يولدىن ئاپتوموبىلىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن سەيلە يولىدىن ئايرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھانسون كرېمېرنىڭ تېلېفونىنى چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن يولىغا ئۇنىڭسىز داۋاملاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، زىچ ۋە ئويمان-دۆڭلۈك يەر شەكلىدە يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سېلىن كرېمېر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى 17-ئىيۇندا كۆرۈلگەن ئىدى. دوستلىرى ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن توققۇز كۈن ئۆتۈپ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ساقچىلار، كرېمېرنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ يوقىلىپ كېتىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن سەيلە يولىغا يېقىن بىر نۇقتىدا تېپىلغانلىقىنى، ئەمما ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن قېتىملىق ئىزدەشلەرگە قارىماي ئۇنىڭغا ئائىت باشقا بىر ئىز تاپالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەمەلدارلار، كرېمېرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن كېيىن رايوندا تەسىرى كۈچلۈك بولغان قاتتىق قىش شارائىتىنىڭ، ئۇزۇن مەزگىل ھايات قېلىشنى ئاساسەن مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىزدەش خىزمەتلىرى ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ