تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ھىندونېزىيەگە 48 دانە «KAAN» ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
بۇ كېلىشىم ئەنقەرەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش دائىرىسىدە، 10 يىل ئىچىدە تاپشۇرۇپ بولۇنىدىغان تېخنىكا يۆتكەش ۋە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈركىيە ھىندونېزىيەگە 48 دانە «KAAN» ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە ھىندونېزىيەگە 48 دانە «KAAN» ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى / Anadolu Agency

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى (TUSAŞ) ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى PT Dirgantara Indonesia ۋە PT Republik Aero Dirgantara بىلەن 48 دانە «KAAN»  ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ كېلىشىم تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى كۆرگەزمىسى (IDEF) جەريانىدا تۈزۈلدى. ئىشلەپچىقىرىش، ئىنژېنېرلىق ۋە تېخنىكا يۆتكەش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشىم بويىچە، ئايروپىلانلارنىڭ 120 ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا. ئايروپىلان ماتورلىرى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ھالۇق گۆرگۈن بۇ كېلىشىمنىڭ ئىيۇن ئېيىدا ئىمزالانغان ھۆكۈمەتلەر ئارا رامكا كېلىشىمىنىڭ ئارقىدىنلا تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سودىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتىدە «تارىخىي بىر پۇرسەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گۆرگۈن: «بۇ پۇرسەتتىن بىرلىكتە بەھرىمان بولغانلىقىمىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. ھەم ھاياجانلاندۇق، ھەم پەخىرلەندۇق. بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق ھىندونېزىيەدە يەرلىك سانائەت ئۇل ئەسلىھەسى بەرپا قىلىشنى قوللاشنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەم ئىشلەپچىقىرىش، ھەم ئىنژېنېرلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىمىز» دېدى.

گۆرگۈن يەنە«KAAN»  نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ-يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «نۇرغۇن دۆلەت بار. تەپسىلاتىنى ۋاقتى كەلگەندە ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Prototype to power-broker: How Türkiye’s indigenous fighter jet KAAN earned global trust

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشى بولغان «KAAN» ئۇرۇش ئايروپىلانى تۇنجى ئۇچۇشىنى 2024-يىلىنىڭ بېشىدا تاماملىدى. ياسىلىۋاتقان ئۈچ ئەسلى تىپنىڭ قالغان ئىككىسىنىڭ 2026-يىلى 4-ئايدا قايتا ئۇچۇشى كۈتۈلمەكتە. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى پىلانلاندى.

TUSAŞ  نىڭ باش دېرىكتورى مەھمەت دەمىرئوغلۇ «KAAN» نىڭ تۈركىيەنى يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى ياسىيالايدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەمىرئوغلۇ: «بۇ ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت دۆلەت بار. يەنە بۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان گۇرۇپپىلارمۇ مەۋجۇت» دېدى ۋە 2018-يىلى پارىژ ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى 2035-2040-يىللىرى ئارىسىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «بۇ بىزنىڭ قانچىلىك تېز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، بۇ ئىشقا قانچىلىك ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

دەمىرئوغلۇ يەنە، ماي ئېيىدا ئىمزالانغان بىر ئەسلەتمىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ «Hürjet» رېئاكتىپ مەشىق ئايروپىلانى ئۈچۈن ئىسپانىيە بىلەن بۇ يىل ئىچىدە بىر تەمىنلەش كېلىشىمى تۈزۈلۈشىنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە: «ھىندونېزىيەنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچى بار. پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىمۇ مۇھىم يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەننى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان: «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» تىرىشچانلىقلىرى رەقىبلەرنى چەكلەش رولىنى ئوينىدى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى ئال نەھيان مىنىستىر خاقان فىداننى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى