ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ فلورىدادىكى ئۇچرىشىشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ فلورىدادىكى ئۇچرىشىشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتىئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرىنىڭ فلورىدادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلىرىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تۆت ئاساسلىق ھۆججەت مۇزاكىرە قىلىندى.
ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ فلورىدادىكى ئۇچرىشىشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى / Reuters

تەرەپلەر 20 ماددىلىق پىلاننىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا تەخمىنەن تۆت يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق شېرىكلىرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان «مۇۋەپپەقىيەتلىك» سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق شېرىكلىرى بىلەن بىر يۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئىجابىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى» دېيىلدى.

تۆت ئاساسلىق ھۆججەت ۋە 20 ماددىلىق پىلان؛ ئامېرىكا-ئۇكرائىنا سۆھبىتى دائىرىسىدە 20 ماددىلىق پىلاننى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇكرائىنا ئۈچۈن ھەم كۆپ تەرەپلىك ھەم ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كاپالىتى رامكىسىدا پوزىتسىيەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي گۈللىنىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تۆت ئاساسلىق ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سۆھبەتلەردە كېيىنكى قەدەملەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە تەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇكرائىنا قەتلىئاملارنى توختىتىش، مۇقىملىق ئورنىتىش، ۋەزىيىتى مۇقىم، ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىش شارائىتى يارىتىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار بىلەن ئادىل ۋە سىجىل تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.

تىنچلىق پەقەت توقۇنۇشلارنىڭ توختىشىلا ئەمەس، بەلكى مۇقىم كەلگۈسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر ئاساس بولۇشى كېرەك.»

تىنچلىق رامكىسى ۋە دىپلوماتىيە مۇساپىسى

قوشما باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوللىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بۇ مۇساپىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا شېرىكلەر بىلەن يېقىن ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تىلغا ئېلىندى. بۇ يىغىنلار تىنچلىق رامكىسىغا مەركەزلەشكەن بىر يۈرۈش سۆھبەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ۋەكىللىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيەدە ئۇكرائىنالىق ۋە ياۋروپالىق دائىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولغان ئىدى.

نويابىر ئېيىدا ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا جەنۋەدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، «تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تىنچلىق رامكىسى» لايىھەسىنى تەييارلىغان ئىدى.

ۋىتكوف ۋە ترامپنىڭ كۈيئوغلى ھەم غەيرىي رەسمىي مەسلىھەتچىسى جارەد كۇشنېر بۇ لايىھەنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 2-دېكابىردا موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئاخىرىدا، ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى فلورىدادا سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇردى. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ مۇساپىنى «ئىجابىي» دەپ باھالىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى كىرىل دمىترىيېۋمۇ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مىئامىغا يېتىپ باردى ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ «ئىجابىي شەكىلدە» ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى