مىنىستىر گۈلەر ئەنگلىيە سانائەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئېگل بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سېتىۋېلىش ۋە سانائەت ئىشلىرى ۋەزىرى مارىيا ئېگل بىلەن كۆرۈشتى.
مىنىستىر گۈلەر ئەنگلىيە سانائەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئېگل بىلەن كۆرۈشتى / TRT Uyghur
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلېر بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سېتىۋېلىش ۋە سانائەت ئىشلىرى ۋەزىرى مارىيا ئېگلنىڭ مىنىستىرلىق بىناسىدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، گۈلەر بىلەن پايتەخت ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن مارىيا ئېگلنىڭ فوتو سۈرەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.