خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋىستىرالىيە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس»
ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات ئۇرۇقىنى يۆتكەيدىغان شاھمات تاختىسى ئەمەس» دېدى.
ئاۋىستىرالىيە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس»
ئاۋىستىرالىيە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسى ئەمەس»

ئالبانېس خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ رايوننى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس خىتاي ۋە ئامېرىكىغا قارىتىپ «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات ئۇرۇقىنى يۆتكەيدىغان بىر شاھمات تاختىسى ئەمەس» دېگەن ئۇچۇرنى بەردى.

ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالبانېس ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ كەچلىك زىياپىتىدە ئاۋىستىرالىينىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ سۆز قىلغان.

ئاۋىستىرالىيەنىڭ يېڭى مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تەڭشەيدىغان قائىدىلەرنى قوغداش ۋە «كۈچلۈك ھەقلىق» دېگەن كۆز قاراشنى رەت قىلىش ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئالبانېس، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ رايوننى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالبانېس بۇ توغرىلىق خىتاي بىلەن ئامېرىكاغا سىگنال بېرىپ، «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات ئۇرۇقىنى يۆتكەيدىغان شاھمات تاختىسى ئەمەس» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق باشقۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئالبانېس: «ئەمما بۇ بىزنىڭ رايونغا بولغان كۆز قارىشىمىزنىڭ بىردىنبىر لوپا ئەينىكى بولالمايدۇ. رايوندىكى دۆلەتلەر پەقەتلا تاماشىبىن ئەمەس. ئۇلار رايوننىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ سېنارىيەسىنى (يۆنىلىشىنى) يازىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى