گالاتا كۆۋرۈكىدە پەلەستىن ئۈچۈن چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىستانبۇل يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى پەلەستىن ئۈچۈن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىلىشلاردىن بىرىگە سەھنە بولىدۇ.
گالاتا كۆۋرۈكىدە پەلەستىن ئۈچۈن چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدۇ / TRT Uyghur
1-يانۋار كۈنى پەلەستىن يىغىلىشىدا يۈز مىڭلىغان كىشى ئىستانبۇلدىكى گالاتا كۆۋرۈكىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
308 ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بۇ يىغىلىشتا، ئىشتىراكچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا بىردەك لەنەت ئوقۇيدۇ.