سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇبىلىئۇس: ياۋروپا رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىغا قارشى «تەييار ئەمەس»
ئاندىرىئۇس كۇبىلىئۇس ياۋروپانى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇداپىئەسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
كۇبىلىئۇس: ياۋروپا رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىغا قارشى «تەييار ئەمەس»
كۇبىلىئۇسنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ياۋروپا ئۇكرائىنانى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزمىسە، تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. [ئارخىپ سۈرىتى] / Reuters

ئاندىرىئۇس كۇبىلىئۇس ياۋروپانى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇداپىئەسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، كۈچىيىۋاتقان رۇسىيە تەھدىتلىرى ئالدىدا ئۇكرائىنانىڭ مۇتەخەسسىسلىكىنى سىرتتا قالدۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە كومىسسارى ئاندىرىئۇس كۇبىلىئۇس دۈشەنبە كۈنى ياۋروپانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ «ئۇرۇشتا سىنالغان» ئىقتىدارلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

27 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بۇ ئىتتىپاق، سېنتەبىردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو  ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پولشا ئاسمىنىدا رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشىدىن كېيىن، ئۇچقۇ مۇداپىئەسىدىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراپ-تېنەپ ھەرىكەتكە ئۆتتى.

كۇبىلىئۇس ۋىلنيۇستىكى سۆزىدە: «رۇسىيەنىڭ پولشا، شۇنداقلا بالتىق دۆلەتلىرى ۋە رۇمىنىيەگە قارشى ئۇچقۇلار بىلەن قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى قوزغىغىنىغا ۋە ئارىدىن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، بىزنىڭ رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنى بايقاشقا ۋە ئۇلارنى ئىقتىسادىي-ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن يوقىتىشقا تەييار ئەمەسلىكىمىزنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى؟» دېدى ۋە «رۇسلار ئۆگىنىۋاتىدۇ. بىزچۇ؟» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«تارىخىي خاتالىق»

ناتو پولشادىكى ۋەقەدىن كېيىن شەرقىي قاناتقا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇچقۇغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇچقۇغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما تەپسىلاتلار تېخىچە ئېنىق ئەمەس ۋە ھەر قانداق پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بەلكىم بىر نەچچە يىل كېتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

كۇبىلىئۇس ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ 800 مىڭغا يېقىن خادىمدىن تەركىب تاپقان ئۇرۇشتا چېنىققان ئارمىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مۇداپىئەنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئەگەر بۇنداق قىلمىساق، بىز تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز ۋە بۇ بىزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالدىراپ-تېنەپ ھەرىكەت قىلىشى، ياۋروپا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان تەقدىردە، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بىر ناتو دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى