زېلېنسكىي ئەبۇ دابى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مۇزاكىرە قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەرنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بىر ھەپتە بويىچە ھۇجۇملارنى توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئالدىنقى ھەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي پەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىندىن قىشلىق قىيىن شارائىتتا كىيېۋ ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوققا تۇتماسلىقنى «شەخسەن تەلەپ قىلغانلىقى» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.
زېلېنسكىي: «ئېنېرگىيە ھاياتلىقنىڭ ئاساسىدۇر. شېرىكلىرىمىزنىڭ ھاياتلىقنى قوغداپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېدى ۋە ترامپقا تەشەككۈر ئېيتتى.
زېلېنسكىي سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ھەيئەتلىرىمىز بۇ مەسىلىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مۇزاكىرە قىلدى. كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يولىدا تاشلانغان قەدەملەر ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا» دېدى.
زېلېنسكىي كەچ تەرەپتە ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، بۈگۈن كېچە ۋە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ مۇساپىنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا 23-24-يانۋار كۈنلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ دابىدە ئىككى كۈنلۈك مەسلىھەتلىشىش ئېلىپ باردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يەنە ئەبۇ دابىدە يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.
رۇسىيە دائىرىلىرى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.