پىكىر
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسى ئىزچىل تۈردە بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە،  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ۋېنگىرىيە بىلەن بارلىق ساھەلەردە مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە ئورتاق مەسلىھەت مېخانىزمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان يىغىنلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا باش مىنىستىر ئورباننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.

تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە 2013-يىلى ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئىزچىل تۈردە كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز