سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىرانغا قارشى ھۇجۇم باشلاندى
دۇنيا ۋەزىيىتى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى.
ئىرانغا قارشى ھۇجۇم باشلاندى
تېھران شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن كۈچلۈك پارتلاشتىن كېيىن، قويۇق تۇمانلار ئاسمانغا ئۆرلىمەكتە رويتېرس. / Reuters

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا يادرو سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئىرانغا ھۇجۇم باشلىدى، پۈتكۈل ئىسىرائىلىيەدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز (Israel Katz) بۈگۈن (2026-يىلى 28-فېۋرال)، ئېغىر بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتا «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم» قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كاتز يەنە پۈتكۈل مەملىكەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى ۋە پۇقرالارنى «ئىچكى فرونت قوماندانلىق مەركىزى» نىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئىرانغا قارىتا <ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە> بېرىشنى باشلىدى. مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئالاھىدە ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى» دېيىلدى.

گۇۋاھچىلار تېھران شەھەر مەركىزىدە كۈچلۈك پارتلاش بولغانلىقىنى ۋە قويۇق تۈتۈننىڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى؛ ئىران ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

پارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپاھان، قۇم، كەرەج ۋە كېرمانشاھ قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

بۇ ھۇجۇم، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى رامكىسىدا جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى چالدى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇردى. شۇنداقلا «تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرى، يىغىلىشلار ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى» غا چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەربىي دائىرىلەر «ئاساسىي ساھەلەر» نىڭ بۇ چەكلىمىدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بارلىق ئىران رەھبەرلىكىنىڭ نىشان قىلىنىشى

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا، ئەمما بۇنىڭ كۆلىمى تېخى ئېنىق ئەمەس. ھەرىكەتتىن خەۋەردار بولغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى سەزگۈر ھەربىي ھەرىكەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بولسا، ھۇجۇمنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىزدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران ۋە ئىسرائىلىيە ئۆز ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۇنجى مەلۇم قىلىنغان ھۇجۇم، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامەنىينىڭ ئىشخانا بىناسىغا يېقىن بىر رايوندا يۈز بەردى.

86  ياشلىق ھامەنىينىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۇ يەردە ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. ئىرانلىق بىر ئەمەلدار رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۇنىڭ تېھران سىرتىدىكى بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىران ئىسنا (ISNA) خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى ھۇجۇمىدا ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ نۇرغۇن خادىمى، جۈملىدىن بىر قىسىم مۇھىم خادىملىرى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان.

ئەسكەرتىش: خەۋىرىمىز داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ....

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى