سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 2027-يىلىدىن بۇرۇن تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن بۇ مەسىلىگە «گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېۋنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان سۆھبەتلەردە، بۇ يىل (2026) كونكرېت نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ زور دەرىجىدە ئامېرىكانىڭ موسكۋاغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي ئەبۇزەبىدە ئامېرىكانىڭ باشچىلىقىدا ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە سۆھبەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن، چارشەنبە (2026-يلى 11-نويابىر) كۈنى ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى مىكول مارتىن بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلدى.

زېلېنسكىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ھازىر بىز ئىنتايىن ئېغىر ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بىز بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە نەتىجىگە ئېرىشىشنى خالايمىز ۋە بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئەتە (بۈگۈن) ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ شەكلى ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ... يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكالىقلار ئۈچۈنمۇ بۇ يىل بىر نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. قارىغاندا، ئۇلارمۇ بۇنى ھەقىقەتەن بەك ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ 2027-يىلىدىن ئىلگىرى تىنچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن «پۇرسەت پەنجىرەسى»نىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە يەنىلا «گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

«قاتتىق كۆرسەتمىلەر»

فېۋرال (2022) ئېيىدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىش بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەمدە ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەت، كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بىلەن نەتىجىلەندى. بىراق، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان كونكرېت قەدەملەر جەھەتتە تىلغا ئالغۇدەك باشقا بىرەر ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ستېۋ ۋىتوف (Steve Witkoff) بىلەن جارېد كۇشنېرنىڭ (Jared Kushner) پەيشەنبە (12-نويابىر) كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن موسكۋاغا بارىدىغانلىقى، ئارقىدىن ئۇ يەردىن دۇبلىنغا بېرىپ زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

كۇشنېر تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىشەنچ مۇھىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى، لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەبۇزەبىدىكى سۆھبەتلەرنى « دەسلەپكى ياخشى قەدەم» دەپ باھا بەردى.

ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى داۋىد ئاراخامىيا (David Arakhamia) بولسا، سۆھبەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە قىيىن ئۆتكەنلىكىنى، رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە «قاتتىق كۆرسەتمىلەر» بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مەزكۇر ئۇچرىشىشلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە بىر ھەل قىلىش چارەسى تېپىش ئۈچۈن «ياخشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ۋلادىمىر مېدىنسكىي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، مۇزاكىرەلەردىن كېيىن، تىنچلىق كېلىشىمىگە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، بىراق بۇ مۇساپىنىڭ زور دەرىجىدە ئۇكرائىنا بىلەن  ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ