گېرمانىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە، سۇ ۋە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى كۈچىيىپ كەتكەن بىر پەيتتە ئۇكرائىناغا 200 مىليون ياۋرولۇق قىشلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ قوشما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئېنېرگىيە، سۇ، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن توك مۇلازىمىتى ھەر كۈنى ئۈزۈلۈپ قالماقتا، سۇ تەمىنلەشتە توسالغۇلار يۈز بەرمەكتە ۋە بارغانسېرى نۇرغۇن ئادەم تۇرالغۇ جايلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.
يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان قەھرىتان قىش ئالدىدا ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ھەمدە ئېنېرگىيە ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە ياردەمگە جىددىي ئېھتىياج بارلىقى كۆرسىتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر ئىككى مىنىستىرلىقنىڭ ئومۇمىي 200 مىليون ياۋرولۇق قوشۇمچە مەبلەغنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېپۇل، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، موسكۋانىڭ ئەستايىدىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا قىش پەسلىنىڭ مۇشەققەتلىك شارائىتىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋادېپۇل، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنىڭ 5-قىشىدا ئۇكرائىنا خەلقىنى تىز پۈكتۈرۈش مەقسىتىدە ئىسسىقلىق، سۇ ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى بارغانسېرى كۆپ نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى رىم ئەلئابالى رادوۋانمۇ رۇسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادا مىليونلارچە ئادەمنىڭ توك توختاپ قېلىش ئاپىتىدە سوغۇقتا قالغانلىقىنى، نۇرغۇن رايونلاردا سۇ تەمىناتىنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھالغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رادوۋان، گېرمانىيەنىڭ ئىسسىنىش ۋە ئېلېكتىر ياردەملىرى بىلەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.




















