ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتەياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىكى تېز تەرەققىياتنىڭ ئىنسانلارنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىنى ئەڭ ئېغىر خەۋپسىزلىك كىرىزىسى دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تېخنولوگىيە، خەۋپسىزلىك ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ھېننا ۋىرككۇنېن سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئىتتىپاق ئۈچۈن ئەڭ جىددىي خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ۋىرككۇنېن فىنلاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن باياناتىدا، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ بۇ تېخنولوگىيە ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ قويۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ تېخنولوگىيەلەر شۇنچە كۆپ تەرەققىي قىلدىكى، بىز چوقۇم كونتروللۇقنى قولىمىزدا تۇتۇشىمىز ۋە خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇشىمىز كېرەك» دېدى. ۋىرككۇنېن يەنە بەزى سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنىڭ سىناق مۇھىتىدىن چىقىپ كېتىپ، تور خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىل تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىل قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە خەۋپ - خەتەرنى دائىم باھالاش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلەيدۇ. ۋىرككۇنېن دۇنياۋى تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ سۈنئىي ئەقلىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار