خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئافىنا شەھەر باشلىقى: «پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلاردىن دېموكراتىيە دەرسى ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق»
ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى نوئام كاتزنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تام يازمىلىرى مەسىلىسىدە شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتسىزلىكىنى تەنقىد قىلىشىدىن كېيىن، ئافىنا شەھەر باشلىقى خارىس دۇكاس قاتتىق رەددىيە قايتۇردى.
ئافىنا شەھەر باشلىقى: «پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلاردىن دېموكراتىيە دەرسى ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق»
ئافىنا شەھەر باشلىقى: «پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلاردىن دېموكراتىيە دەرسى ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق» / AP

ئىسرائىلىيەنىڭ ئافىنادىكى باش ئەلچىسى نوئام كاتزنىڭ، گىرېتسىيە پايتەختىدە بار دېيىلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تام يازمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلىرىدىن كېيىن، ئافىنا شەھەر باشلىقى خارىس دۇكاس يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىگە قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇپ، گىرېتسىيەنىڭ «پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلاردىن دېموكراتىيە دەرسى ئېلىشقا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى» ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى كاتزنىڭ، شەھەر دائىرىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك زىيارەتچىلەرنى «بىئارام قىلىدىغان» تام يازمىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باياناتىدىن كېيىن سۆز قىلغان دۇكاس، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىگە دىققەتلەرنى تارتتى.

دۇكاس يەنە مۇنداق دېدى: «شەھەرلىك ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زوراۋانلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئىزچىل تۇردۇق. ئەمما، يېمەكلىك ئۆچرېتىدىكى پۇقرالارنى ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلاردىن، غەززەدە ھەر كۈنى بومباردىمان، ئاچارچىلىق ۋە سۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولغانلاردىن دېموكراتىيە دەرسى ئېلىشنى قوبۇل قىلمايمىز»

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنىڭ تاللىما خاپىلىق دەپ تەسۋىرلىگەن پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ: «باش ئەلچى كاتزنىڭ، زور بىر قىسمى تازىلىنىۋاتقان تام يازمىلىرىغا مەركەزلىشىشنى تاللىشى، ئەمما غەززەدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇشى قورقۇنچلۇق بىر ئىشتۇر» دېدى.

كاتز گىرېتسىيەنىڭ «كاتېمېرىنى» گېزىتىگە بەرگەن بىر زىيارىتىدە، يەھۇدىيلارغا قارشى تام يازمىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك زىيارەتچىلەرگە بولغان تەسىرىنى تەكىتلەپ، شەھەر دائىرىلىرىنى ئۇلارنى تازىلاش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Netanyahu's popularity nosedives as Israelis doubt 'Gaza victory'

شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ باياناتلىرى، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشلانغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 60 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى، يېمەكلىك، سۇ ۋە دورىغا ئوخشاش ئاساسلىق ئېھتىياجلاردا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئاچارچىلىققا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ئىچىدە 93 كىچك بالا بار بولۇپ، كەم دېگەندە 175كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى. نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (ICC) ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە جەنۇبىي ئافرىقا تەرىپىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا (ICJ) سۇنۇلغان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

ئافىنادىكى دىپلوماتىك جىددىيچىلىك، غەززەدىكى ئىنسانىي كرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق غەزەپنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرىدىكى پوزىتسىيەسىگە قارىتا كۈچىيىۋاتقان سەزگۈرلۈكنىمۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلماقتا.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى