سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى 175.6 مىليارد ياۋرولۇق مۇداپىئە فوندى ئاجراتتى
ياۋروپا كومىتېتى مۇداپىئە تەييارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى» رامكىسىدا، پولشا 43.7 مىليارد ياۋرو بىلەن ئەڭ چوڭ ئۈلۈشكە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن قالسا رۇمېنىيە، فىرانسىيە، ۋېنگىرىيە ۋە ئىتالىيە ئېرىشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 175.6 مىليارد ياۋرولۇق مۇداپىئە فوندى ئاجراتتى
پولشا «يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى» نىڭ 43.7 مىليارد ياۋرولۇق مۇداپىئە فوندىغا ئېرىشتى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ياۋروپا كومىتېتى مۇداپىئە تەييارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى»  (SAFE)رامكىسىدا، 150 مىليارد ياۋرو (175.6 مىليارد دوللار) مۇداپىئە فوندىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتىنى ئېلان قىلدى.

كومىتېتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، فوند دەسلەپكى تەقسىملەش سىستېمىسى ئاساسىدا قوللاشنى  تەلەپ قىلغان 19 ئەزا دۆلەت ئارىسىدا تارقىتىلىدىكەن. ئاخىرقى سومما ھەر بىر دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تۈرلىرى ۋە تەييارلىق سەۋىيەسىگە باغلىق بولىدىكەن.

بۇ بويىچە بولغاندا، پولشا 43.7 مىليارد ياۋرو بىلەن ئەڭ چوڭ ئۈلۈشكە ئېرىشىدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا رۇمېنىيە 16.68 مىليارد ياۋروغا، فىرانسىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ھەر بىرى 16.21 مىليارد ياۋروغا، ئىتالىيە 14.9 مىليارد ياۋروغا، بېلگىيە 8.34 مىليارد ياۋروغا، لىتۋانىيە 6.37 مىليارد ياۋروغا، پورتۇگالىيە 5.84 مىليارد ياۋروغا ۋە لاتۋىيە 5.68 مىليارد ياۋروغا ئېرىشىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Washington to cut military aid for Europe: official

باشقا دۆلەتلەردىن ئېرىشكەن بۇلغارىيە 3.26 مىليارد ياۋروغا، ئېستونىيە 2.66 مىليارد ياۋروغا، سىلوۋاكىيە 2.31 مىليارد ياۋروغا، چېخىيە جۇمھۇرىيىتى 2.06 مىليارد ياۋروغا، كىرودىيە 1.7 مىليارد ياۋروغا، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 1.18 مىليارد ياۋروغا، ئىسپانىيە بىلەن فىنلاندىيە ھەر بىرى 1 مىليارد ياۋروغا، گرېتسىيە 787 مىليون ياۋروغا ۋە دانىيە 46.7 مىليون ياۋروغا ئېرىشىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ماي ئېيى (2025) دا قوبۇل قىلغان  «يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى»، مۇھىم مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن باھادا رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى» ياۋروپا كومىتېتىنىڭ «ياۋروپانى قايتا قوراللاندۇرۇش پىلانى/تەييارلىق 2030» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 800 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق مۇداپىئە خىراجىتىنى سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

گەرچە قەرز پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرى ئۈچۈنلا بولسىمۇ، ئۇكرائىنا ۋە «EEA-EFTA» دۆلەتلىرىمۇ بۇ پىلان بويىچە ئورتاق سېتىۋېلىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US backing of Israel undermines EU leverage to stop Gaza war: Kallas

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى