خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىمبارگو پىلانىنى ماقۇللىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟ / Reuters

ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى نەچچە ئايدىن بۇيانقى قارشىلىقىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىنلىكلەرگە زوراۋانلىق قىلغان ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو تەدبىرلىرىنى تەستىقلاشقا تەييارلانماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ۋېنگىرىيەدىكى ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشىگە دائىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى تۇيۇق يول ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پەلەستىنلىكلەرگە زوراۋانلىق قىلغان ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە يېڭى ئېمبارفگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كاللاس دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا: «زوراۋانلىق قىلغان كۆچمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمەن، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر نوقتىلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە جاۋابەن تاشلانغان بۇ قەدەم، ئىلگىرى ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغان ئىدى.

ئەمما ۋىكتور ئورباننىڭ رەقىبى پېتېر ماجيار ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىغا يول ئېچىلغاندەك كۆرۈنمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى يەتتە نەپەر كۆچمەن ياكى كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئىتتىپاق يەنە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماسنىڭ ۋەكىللىرىگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە غەززەگە قارشى باشلىغان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن بۇيان، ھەم ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ھەم قانۇنسىز كۆچمەنلەر چېتىشلىق بولغان ۋە ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

پەلەستىنلىك ئەمەلدارلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆلۈم خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرگە جازا يۈرگۈزۈش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا سودا مۇناسىۋىتىنى چەكلەشكە ئوخشاش ئىسرائىلىيەگە قارشى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەملەرنى تاشلاش مەسىلىسىدە تېخىچە ئورتاق بىرلىك ھاسىل قىلىنغىنى يوق.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU sanctions on Israel could come 'within days' after Hungary's shift, French FM says

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى