خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپادىكى 9 دۆلەت ئايرودۇرۇملاردىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كىرىش-چىقىش سىستېمىسىنى كېچىكتۈردى
فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق توققۇز ياۋروپا دۆلىتى، تېخنىكىلىق يېتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى كىرىش-چىقىش سىستېمىسىنى (EES) يولغا قويۇشنى توختىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپادىكى 9 دۆلەت ئايرودۇرۇملاردىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كىرىش-چىقىش سىستېمىسىنى كېچىكتۈردى
ياۋروپادىكى 9 دۆلەت ئايرودۇرۇملاردىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كىرىش-چىقىش سىستېمىسىنى كېچىكتۈردى

فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، مالتا، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت، تېخنىكا ۋە سىستېمىلار تولۇق راۋانلاشقۇچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى كىرىش-چىقىش سىستېمىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولمىغان كىشىلەردىن بارماق ئىزى ۋە يۈز قىياپىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ سىستېما، ئايرودۇرۇملاردا ئۇزۇن ئۆچىرەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ سىستېمىنىڭ ئاپرېلغىچە تولۇق يولغا قويۇلۇشى كۈتۈلۈۋاتاتتى. گەرچە دۆلەتلەرگە بېرىلگەن 150 كۈنلۈك يېنىكلىتىش مۇددىتى 6-سېنتەبىر ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر توققۇز دۆلەت سىستېما نورماللاشقۇچە تەكشۈرۈشنى يولغا قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا تەكشۈرۈشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. رىيانايىر (Ryanair) شىركىتى چېگرا خادىملىرىغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىش ئۈچۈن، بۇ سىستېمىدىن مۇستەسنا قىلىنىش مۇددىتىنى كەم دېگەندە 2027-يىلى ئاپرېلغىچە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى. شىركەتنىڭ مەشغۇلات ئىشلىرى دىرېكتورى نېئال مەك ماھون (Neal McMahon) بۇ جەرياننىڭ باشتىن-ئاخىر بىر تىراگېدىيە بولغانلىقىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ