غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رىمدىكى مۇزاكىرىلەر مەزگىلىدە لىۋان مەسئۇللىرى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئىسرائىلىيە يېڭى ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا / Reuters

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رىمدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋاسىتىلىك مۇزاكىرىلەرگە قارىماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋانغا قوشۇمچە ھەربىي ھۇجۇم قىلىش تاللانمىلىرىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى ئارمىيە مەنبەلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھىزبۇللاھقا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ «تاماملانمىغانلىقىنى» ۋە «ئېنىق نىشانلىق مەخسۇس مەشغۇلاتلار» دەپ ئاتالغان بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قارار قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ خەۋەرلەر لىۋان مەسئۇللىرى ئىتالىيە پايتەختىدە ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلىمىنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقان ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ھەربىي تاللانمىلار

ئىسرائىلىيە «13-قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يوشۇرۇن تەھدىتلەرگە قارىتا تەييەرلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك ھۇجۇمدىن كېيىن، يېقىنقى قوشۇمچە ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغان تاللانمىلارنى ھازىرلىغان.

بۇنىڭدىن باشقا، «12-قانال» ئارمىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىككە لىۋاندا «تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قەتئىي» ھۇجۇملارنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ دوكلاتلار چارشەنبە كۈنى سەھەردە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى مەجدەل زۇن رايونىدا بىر ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى نىشانلىغان پارتلاشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشتا ئەسكەرلەر يارىلانغان بولۇپ، ئېغىر يارىلانغان 4 ھەربىي خادىم ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن رامبام تېببىي مەركىزىگە يۆتكەلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ تەبنىنە كەنتىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 1 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن مانسۇرى يېزىسىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 بۇ ئۆزگىرىشلەر لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاسىتىلىق سۆھبىتى ئىنتايىن ئاكتىپ داۋاملىشىۋاتقان ۋە تەشكىلىي يىغىنى رىمدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 5 - نۆۋەتلىك سۆھبەت ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2 - مارتتىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4333 كىشى ئۆلۈپ، 12 مىڭ 250 كىشى يارىلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel launches deadly strike on southern Lebanon despite Rome talks
ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى