ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ كونگرەدە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى
ترامپنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالى پىلانى بارلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرى، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى قوللىغان-قوللىمىغانلىقى توغرىسىدا سوئال پەيدا قىلدى.
ترامپ كونگرەدە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى
ئالدىنقى ھەپتە ترامپنىڭ ئىران يادرو پىلانى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى گۇمان پەيدا قىلدى. ئۇ گابباردنىڭ كونگرەدىكى گۇۋاھلىقىنى رەت قىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
2025-يىلى6-ئاينىڭ25-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەپتە كونگرەدە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا بومباردىمان قىلغان ئىران ئەسلىھەلىرىدە «يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسى» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى (23-ئىيۇن) ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مايك جونسونغا يازغان ۋە ئاقساراينىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان خېتىدە، بۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ترامپنىڭ سۆزلىرى ئامېرىكانىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىرانغا زەربە بېرىش بۇيرۇقىنى قوللىغان ياكى قوللىمىغانلىقى توغرىسىدا سوئاللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

ترامپ مۇنداق دەپ يازدى: «ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىسى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىراندىكى ئۈچ يادرو ئۇل-ئەسلىھەسىگە قاتتىق زەربە بەردى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump disputes America's own intelligence on Iran, claims Tehran was 'very close' to nukes

پاكىت يوق

ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى نازارەت قىلىدىغان بارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېھراننىڭ يادرو قورالى قوغلىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق، دەپ يەكۈن چىقاردى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش دىرېكتورى رافائىل گروسسى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:

«تېھراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سىستېمىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىتىمىز يوق.»

مارت ئېيىدا (2025) دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى تۇلسى گاببارد (Tulsi Gabbard) تەرىپىدىن كونگرەگە سۇنۇلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامېنىنىڭ 2003-يىلى توختىتىلغان يادرو قورال ياساش پىروگراممىسىنى قايتا باشلاشقا بۇيرۇق قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

 دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئىدارىمىز ئىراننىڭ يادرو قورالى ياسىمىغانلىقىنى ۋە ئىران ئالىي رەھبىرى ھۇمەينى 2003-يىلى توختاتقان يادرو قوراللىرى پىروگراممىسىنى قايتا باشلاشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.»

ئەمما سابىق دېموكرات تۇلسى گاببارد ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىدە يازغان ئۇچۇرىدا، دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ترامپ بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

گاببارد  ئېكس (X) تە مۇنداق دېدى: «سەمىمىيەتسىز تاراتقۇلار قەستەن مېنىڭ دېگەنلىرىمنى مەزمۇنىدىن ئايرىپ، بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشنىڭ يولى سۈپىتىدە ساختا خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا.»

ئىران يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىق مەقسەتتە ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تەكىتلىمەكتە

سابىق پىرېزىدېنت جورج بۇش 2003-يىلى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشنى ئاقلاپ، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرى بارلىقىنى كۆرسەتكەن پاكىتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. كېيىنچە بۇ سۆزلەر نارازىلىقلارنى قوزغىغان ئىدى.

بۇش كېيىن ئۆزى ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھېچقانداق ئەرز قىلىنمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump says his intel chief Tulsi Gabbard is 'wrong' about Iran's nuclear programme

«ئۇنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق»

ترامپ ئالدىنقى ھەپتە ئىراننىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى مەسىلىسىدە گۇمان پەيدا قىلغان ۋە گابباردنىڭ كونگرەدە بەرگەن گۇۋاھلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

ترامپ يادرو قورالى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «گابباردنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق، مېنىڭچە ئىران يادرو قورالى ياساشقا ئىنتايىن يېقىنلىشىپ قىلغان ئىدى.»

ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئىستىخبارات دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىران 2003-يىلى يادرو قوراللىرى پىروگراممىسىنى توختاتقان. ب د ت يادرو نازارەتچىلىك ئورگىنىمۇ ئىران زۆرۈر بولغان تېخنولوگىيەلەرگە ئىگە ئەمەس، دەپ يەكۈن چىقارغان.

بىراق، دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، تېھران مەلۇم نۇقتىدا بىر دانە يادرو ئوق بېشى ياساش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن.

 

ئامېرىكا يەكشەنبە كۈنى (22-ئىيۇن) ئىراننىڭ ناتانز، ئىسپاھان ۋە فوردودىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رېئاكتور يېقىلغۇسى ئۈچۈن تۆۋەن نىسبەتتە ئۇران قويۇلدۇرۇلايدىغان ۋە يادرو ئوق بېشى ياساش ئۈچۈن يۇقىرى نىسبەتتە ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە نەچچە ئون مېتىر يەر چوڭقۇرلۇقىغا ياسالغان فوردو يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى «يەر تېشىش» بومبىلىرى بىلەن بومباردىمان قىلىندى.

ترامپ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ دەسلەپكى دوكلاتلىرىدا، بومباردىمانلارنىڭ تېھراننىڭ يادرو قورال پىروگراممىسىنى بىر قانچە ئاي كېچىكتۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىسخبارات ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى ئوقۇغان، نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار، دوكلاتلاردا بىر قاتار ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ بارلىقىنى، كېيىنكى ھەپتىلەردە تېخىمۇ ئىنچىكە تەييارلانغان دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى