خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيەنىڭ تەنقىدلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ ئىرانغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان فرانسىيەنى ئەيىبلەپ، غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى قوللىغان فىرانسىيەنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن سۆز ئېچىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيەنىڭ تەنقىدلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇق»نى باھانە قىلىپ ئۆز دۆلىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلغان فرانسىيەلىك مەنسەپدىشىغا ئىنكاس

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، فىرانسىيەنىڭ ئىراندا نامايىشچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا قارىتا ئېلان قىلغان تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئاراقچى فىرانسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن ھەققىدە ۋەز ئېيتىشنى توختىتىشى كېرەك. بۇ ئىككىيۈزلىمىچىلىك ئىنتايىن ئاشكارا ۋە نومۇس قىلارلىقتۇر. سىلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا ۋە ئىرانغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا بەرگەن مەدىتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا نىسبەت بېرىۋالغان بارلىق ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى ۋەيران قىلدى».

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان نوئېل بارروت (Jean-Noel Barrot) ئالدىنقى كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە 26 دۆلەتنىڭ ئىراندا نامايىشچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە قالايمىقان قولغا ئېلىنىشىنى بىرلىكتە تەنقىد قىلىپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار