سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تېكساسنىڭ داللاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا قوللىغۇچىلىرىدىن تولۇقلىما سايلامدا چوقۇم ئاۋاز بېرىش ھەققىدە ۋەدە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپ نويابىردىكى تولۇقلىما سايلاملاردا جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئاۋاز بېرىش چاقىرىقى قىلىپ، قوللىغۇچىلىرىغا سايلام ساندۇقىغا بېرىش ھەققىدە قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ دېموكراتلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. پەيشەنبە كۈنى كېچىدە تېكساسنىڭ داللاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تولۇقلىما سايلام قۇرۇلتايىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ترامپ، قاتناشقۇچىلاردىن 3-نويابىر كۈنى ياكى بالدۇر ئاۋاز بېرىش مۇساپىسىدە بېلەت تاشلايدىغانلىقىغا، شۇنداقلا دوستلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دائىر قەسەمنى تەكرارلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ترامپ دېموكراتلارنى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، قوللىغۇچىلىرىغا مۇنداق قەسەم ئىچكۈزدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك پىرېزىدېنتقا سادىق بولىمەن... دوستلىرىمنى، ئائىلەمنى بىللە ئېلىپ كېلىمەن ۋە 3-نويابىردا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىمەن...»

 قەسەمدىن كېيىن ترامپ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ئاۋاز بەرمىسەڭلار نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ دوزاخقا كىرىسىلەر» دېدى. ترامپ ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەردى. ئۇ ئەگەر دېموكراتلار قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، تېكساس نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە