سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بىر قىيامەتلىك تەسەۋۋۇردا، لوندوندىكى «بىگ بېن» سائەت مۇنارى ئەرەبچە خەتلەرگە ئوخشايدىغان تام رەسىملىرى بىلەن قاپلانغان ھالدا، ئەخلەت دۆۋىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيگەن ئاممىنىڭ ئۈستىدە ئىس-تۈتەك ئىچىدە كۆرسىتىلدى.
ئاشقۇن ئوڭچى رەھبەرلەر ۋە سىياسەتچىلەر سۈنئىي ئەقىلنىڭ كەلگۈسىنى ئوبيېكتىپ ھالدا ئالدىن پەرەز قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن ئۆزگىرىۋاتقان ياۋروپا شەھەرلىرىنى قايتىدىن تەسۋىرلەپ بېرىدىغان بۇ خىلدىكى قىسقا فىلىملەردىن پايدىلىنىپ، ئىرقچى كۆزقاراشلار تارقاتماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) غا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋىدىيولار زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرگە قارىماي، ئومۇملاشقان پاراڭچى ماشىنا ئادەملىرى ئارقىلىق تېزلىكتە ئىشلەپچىقىرىلالايدىكەن.
«رەقەملىك نەپرەتكە قارشى تۇرۇش مەركىزى»نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىمران ئەھمەد AFP غا: «سۈنئىي ئەقىل ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاشقۇنلارنىڭ بايانلىرى كۆرۈنۈشلەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلماقتا» دېدى.
ئىنگلىز ئاشقۇن ئوڭچى رەھبىرى توممى روبىنزون 6-ئايدا «2050-يىلىدىكى لوندون» ناملىق ۋىدېيونى X سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، بۇ ۋىدىيو يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تەرىپىدىن كۆرۈلدى.
بىر كۆرۈرمەن بۇنىڭغا قارىتا: «ياۋروپا ئومۇمەن ۋەيران بولدى» دەپ باھا بەرگەن.
نيۇيورك، مىلان ۋە بىريۇسسېلنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۈنئىي ئەقىل ۋىدېيولىرىنى ھەمبەھىرلىگەن روبىنزون، 9-ئايدا لوندوننىڭ مەركىزىدە كۆچمەنلەر ئېقىنىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ئاشقۇن ئوڭچىلار نامايىشقا رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا تەخمىنەن 150 مىڭ ئادەم قاتناشقان.
«رەقەملىك نەپرەتكە قارشى تۇرۇش مەركىزى» دىكى ئەھمەد: «بارلىق سۇپىلاردىكى نازارەت قىلىش سىستېمىلىرى بۇ خىلدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىشلىنىشى ۋە ھەمبەھىرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل مەغلۇپ بولماقتا» دېدى.
ئەھمەد ئېلون ماسكنىڭ X سۇپىسىنى «نەپرەت ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينىماقتا» دەپ تەسۋىرلىدى.
TikTok شىركىتى روبىنزون ھەمبەھرلىگەن ۋىدېيولارنىڭ ئەسلى ئىجادچىسىنىڭ ھېساباتىنى چەكلىدى. سۇپا سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەپرەت ئىدىيەسىنى ئىزچىل تۈردە تەشۋىق قىلىدىغان ھېساباتلارنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق بۇ خىلدىكى ۋىدىيولار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مىليونلارچە قېتىم كۆرۈلگەن ھەمدە ئاۋسترىيەلىك رادىكال مىللەتچى مارتېن سېللنېر ۋە بېلگىيەلىك ئوڭچىل پارلامېنت ئەزاسى سام ۋان روي تەرىپىدىن قايتا ھەمبەھرىلىگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى.
ئىتالىيەدىكى ئوڭچىل پوپۇلىزمچى «لېگا» پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى سىلۋىيا ساردونې 4-ئايدا مىلاننىڭ قىيامەتلىك ۋىدېيوسىنى Facebook تا ھەمبەھرىلەپ: «بىز ھەقىقەتەن مۇشۇنداق كەلگۈسىنى خالامدۇق؟» دەپ سورىغان.
گوللاندىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچى رەھبەر گېرت ۋىلدېرسنىڭ «ئەركىنلىك پارتىيەسى» 10-ئايدىكى سايلام ئۈچۈن، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىق سۈرەتلىرى چىقىدىغان «2050-يىلىدىكى گوللاندىيە» ناملىق سۈنئىي ئەقىل ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلدى.
ۋىلدېرس شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ دىنغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىگەن، ئەمما ئۇ نۆۋەتتە نوپۇسنىڭ ئاران %6 نىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
لوندون ئىقتىساد مەكتىپىنىڭ رەقەملىك سىياسەت ۋە سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاكادېمىكى بىئاتىرىز لوپېس بۇئاركې بۇ خىل ۋىدېيولارنىڭ «زوراۋانلىقنى قۇترىتىدىغان زىيانلىق قېلىپلاشقان قاراشلار»نى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇئاركې AFP غا: «سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئاسانلاشتۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك رادىكاللىشىش كۈنسېرى يامانلاشماقتا» دېدى.
«نەپرەت پايدىلىقتۇر»
روبىنزون ھەمبەھرىلىگەن ۋىدېيولارنىڭ ئىجادچىسى تەخەللۇس ئىشلىتىپ، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋىدېيولىرىنى قانداق ياساشنى ئۆگىتىدىغان ھەقلىق دەرسلەرنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، «سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى» نىڭ چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئەڭ ياخشى» تېما ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇئاركې: «مەسىلە شۇكى، بىز ھازىر نەپرەت ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز» دېدى.
ئىرقچى ۋىدېيو ئىجادچىلىرىنىڭ گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئورنىنى يوشۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇئاركې بۇ ۋىدېيولارنىڭ «‹چوڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش› سۇيىقەست نەزەرىيەسىنىڭ كۆرۈنمە شەكلى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىر فىرانسىيەلىك يازغۇچى تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرۇلغان بۇ نەزەرىيە، غەرب سەرخىللىرىنىڭ يەرلىك نوپۇسنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى كۆچمەنلەر بىلەن «ئالماشتۇرۇش» ئۈچۈن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇئاركې: «بۇ ئالاھىدە سۇيىقەست نەزەرىيەسى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ» دېگەن ھەمدە 2050-يىلىغا ئوخشاش يۇمىلاق يىللارنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر «ئاق تەنلىكلەر قىرغىنچىلىقى» سۇيىقەست نەزەرىيەسىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
ياۋروپادىكى AFP نىڭ رەقەملىك مۇخبىرلىرى ChatGPT، GROK، Gemini ۋە VEO 3 تىن لوندون ۋە باشقا شەھەرلەرنى 2050-يىلىدا كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئادەتتە ئىجابىي سۈرەتلەرنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بايقىدى.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، پاراڭچى ماشىنا ئادەملەرنى ئاسانلا ئىرقچى سۈرەتلەرنى ھاسىل قىلىدىغان شەكىلدە يېتەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
AI Forensics تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى سالۋاتورې رومانۇ: «ھېچقانداق نازارەت %100 توغرا بولمايدۇ. بۇ... يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پاراڭچى ماشىنا ئادەملىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرگە ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا بوشلۇق قالدۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
قاتاردىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا يالغان ئۇچۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ئاكادېمىك مارك ئوۋېن جونس ChatGPT نىڭ مىللىي توپلۇقلارنى «ھاقارەتلەيدىغان، قېلىپلاشقان ياكى ئىنسانىيلىقتىن چىقىرىۋېتىدىغان شەكىللەردە» كۆرسىتىشنى رەت قىلغانلىقىنى بايقىدى. ئەمما ChatGPT «كۆڭۈلسىز، پەرقلىق، ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان لوندون» تەسۋىرىنى كۆرۈنۈشلەشتۈرۈشنى، ئاندىن ئۇنى «مەسچىتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك» شەكىلدە تەسۋىرلەشنى قوبۇل قىلدى.
ئوتتۇرىغا چىققان ئاخىرقى سۈرەتتە، ساقاللىق، رەتسىز ئەرلەر ئەخلەت بىلەن تولغان تامېس دەرياسىدا قولۋاق ھەيدەۋاتقان، مەسچىتلەر بولسا ئۇپۇق سىزىقىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرسىتىلدى.
TikTok ۋە Facebook نىڭ ئىگىسى بولغان Meta شىركىتى يوشۇرۇن خاتا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنلارنى دەلىللەش ئۈچۈن، 100 دىن ئارتۇق دەلىللەش ئورگىنى قاتارىدا AFP غىمۇ ھەق تۆلەيدۇ.






