غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىدا بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خان يۇنۇسنىڭ جەنۇبىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان چېدىرلارنى نىشان قىلغان. ھۇجۇمدا بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى توپقا تۇتقان ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن ئىلگىرىلەپ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىمۇ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر تۇرۇۋاتقان چېدىرلارغا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن «ئوت تۇتاشغۇچى بومبىلار» تاشلانغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۇففاھ مەھەللىسىدە بولسا ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكەن پارتلاتقۇچ بېسىلغان بىر ھەربىي ئاپتوموبىلنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق پارتلاتقان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا 2025 - يىلى 10 - ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، رايوندا ھەر كۈنى دېگۈدەك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى