ئەردوغان: بىزنىڭ قارشى تۇرۇۋاتقىنىمىز رايونىمىزنى ئىشغالىيەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئارقىلىق مۇقىمسىزلىققا سۆرەپ كىرىشتۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز رايونىمىزنى ئىشغالىيەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىققا سۆرەپ كىرگەنلەردۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې جانېيرو شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇ دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئەردوغان ئۆزىنىڭ 2008-يىلدىن بۇيان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «دۇنيانىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە ئۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىي پاجىئەلەر بىلەن ئېلىشىۋاتقان باشقا بىر دەۋرىنى ئەسلىيەلمەيمەن. بولۇپمۇ غەززىدىكى ئاچارچىلىق خەۋپى خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە ئاپەت دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. غەززە ئاھالىسىنىڭ 96 پىرسەنتى، يەنى 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېمەك-ئىچمەك ۋە پاكىز سۇدىن مەھرۇم. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەنى ئوچۇق ھاۋا تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىنىمۇ چەكلەپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. بۇنى يالغۇز بىزلا ئەمەس، ب د ت ۋە باشقا نۇرغۇن تەشكىلاتلارمۇ ئېيتىۋاتىدۇ. بىز 14 ئايدىن بۇيان قەلبىمىز پارچىلىنىپ، ئېغىر بومباردىمان ئاستىدا بىر چىنە تاماققا، بىر يۇتۇم سۇغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تەۋەككۈل قىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئازابلىرىنى كۆزىتىپ كەلمەكتىمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھالاك بولغان 50 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىكنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئايال-بالىلار تەشكىل قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ لىۋاندىكى جىددىي ۋەزىيەتتىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشتىكى توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنىڭ رەھبەرلەر دەرىجىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ھېچقانداق دۆلەت، خەلق ۋە دىن بىلەن زىددىيىتىمىز يوق. بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز قىرغىنچىلىق ۋە قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلار. بىز ئۆز دۆلىتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ كىشىنىڭ قېنىنى تۆكىدىغانلارغا قارشى. بىز يەنە رايونىمىزنى ئىشغالىيەت ۋە باسقۇنچىلىق سىياسىتى بىلەن قالايمىقان قىلىپ، مۇقىمسىزلىققا سۆرەپ كىرگەنلەرگە قارشى» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان مەكتۇپقا 52 دۆلەت ۋە 2 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قول قويغانلىقىنى، بۇ مەكتۇپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھۆججىتى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بولۇپمۇ ھازىرقى شارائىتتا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتتى.