پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدە ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قىلچە يول قويماسلىق  سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى
بىر ئايالنىڭ جىسمانىي، جىنسىي، پىسخىكىلىق ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدىغان، قەستەن قىلىنغان ھەرىكەتلەر ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىق ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەدە ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قىلچە يول قويماسلىق  سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى
تۈركىيەدە ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قىلچە يول قويماسلىق  سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى / Reuters

ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا؛ بىر ئايالنىڭ جىسمانىي، جىنسىي، پىسخىكىلىق ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدىغان، قەستەن قىلىنغان ھەرىكەتلەر دەپ ئېنىقلىما بەرمەكتە. بۇ خىل زورىۋانلىق ئۆيدە، خىزمەت ئورنىدا ياكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىق؛ ئاياللارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى، جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق پۈتۈنلۈكى شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقى قاتارلىق نېگىزلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىدۇر.

تۈركىيەدە ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قارشى كۈرەشتە، دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى ئاياللارنىڭ ئورنى باش ئىدارىسى مەسئۇلدۇر.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئورگانلىرى ۋە مۇلازىمەت بۆلۈملىرى بار.

زورىۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆزىتىش مەركەزلىرى

زورىۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆزىتىش مەركەزلىرى زورىۋانلىقتىن ساقلىنىش ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش مەقسىتىدە كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئورگانلىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بۇ مەركەزلەردە زورىۋانلىققا ئۇچرىغۇچىلار پىسخىكىلىق - ئىجتىمائىي ياردەم، قانۇنىي ياردەم، تەربىيەلەش، سەھىيە ۋە ئىقتىسادىي ياردەمدىن باشقا يەنە، ئاياللار پاناھلىنىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ. مەزكۇر مەركەزلەر 81 ۋىلايەتتە 86 ئورگان بىلەن مۇلازىمەت قىلماقتا.

ئاياللار پاناھلىنىش ئورۇنلىرى

ئاياللار پاناھلىنىش ئورۇنلىرى زورىۋانلىققا ئۇچرىغان ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئورگانلىرىدۇر. بۇ ئورگانلاردا پاناھلىنىش مۇلازىمىتىدىن باشقا يەنە، ئاياللارنىڭ پىسخىك - ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ، ئۇلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش جەريانىغا ياردەم بېرىلىدۇ. مىنىستىرلىققا قاراشلىق 112 ئاياللار پاناھلىنىش ئورنى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلار ئاياللار پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مەركىزى زورىۋانلىققا قارشى كۈرەش ئالاقە نۇقتىلىرى

مىنىستىرلىق ناھىيە دەرىجىلىك ئاياللار پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا مۇلازىمەت قىلىپ، زورىۋانلىققا ئۇچرىغۇچىلارنى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە مەملىكەت مىقياسىدا 432 نۇقتىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قارشى كۈرەشتە ئىلتىماس قىلىش ۋە جىددىي ئارىلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىدى.

«Alo 183» زورىۋانلىققا قارشى كۈرەش چاقىرىق لىنىيەسى

زورىۋانلىققا ئۇچرىغۇچىلار 7 كۈن 24 سائەت ئىلتىماس قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان «Alo 183» چاقىرىق لىنىيەسى ئارقىلىق جىددىي ئارىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەنمەكتە.

ئاياللارنى قوللاش (KADES) يانفون ئەپى

ئاياللارنى قوللاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارغا چۈشۈرگىلى بولىدىغان، پەقەت ئاياللارلا ئىشلىتەلەيدىغان يانفون ئەپىدۇر. بۇ ئەپ ئارقىلىق «ياردەم قىلىڭ» كۇنۇپكىسى بېسىلغاندىن كېيىن، ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇرغان جايغا يېتىپ بارالايدۇ.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى