خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەكىللىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىنلا، «لۇكئويىل» (Lukoil) غا قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەر توختىتىلدى.
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە / Reuters
2025-يىلى12-ئاينىڭ5-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەكىللىرى، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە رۇسىيەگە قارىتىلغان بەزى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى يېنىكلىتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم مىيامىدا ئۇكرائىنالىق مۇزاكىرىچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ستىۋېن ۋىتكوف (Stephen Witkoff) ۋە جارېد كۇشنېر (Jared Kushner) نىڭ موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى ترامپنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا يولغا قويغان ئېمبارگولىرىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى قىسمەن توختىتىپ تۇردى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى، كەم دېگەندە 29-ئاپرېلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان بۇ قارارنىڭ، رۇسىيە سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «لۇكئويىل» غا تەۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىرىملەرنىڭ رۇسىيەگە قايتۇرۇلۇشىنى چەكلەيدىغان قارار بولسا، داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا.

موسكۋا 2022-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

ياۋروپالىق دىپلوماتلار رۇسىيەنى بېسىمنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن دىپلوماتىك قاناللارنى ئىشقا سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇكرائىنا ئېنىق مەلۇمات تەلەپ قىلماقتا

ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدار، ترامپنىڭ غەيرىي رەسمىي ئەلچىلىرى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋىتكوف ۋە كۇشنېرنىڭ، ئۇكرائىنا باش مۇزاكىرىچىسى رۇستەم ئۆمەروف بىلەن پەيشەنبە كېچىسى كەچلىك تاماقتا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي كىيېۋدا قىلغان سۆزىدە، موسكۋادا نېمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇكرائىنانىڭ «تولۇق ئۇچۇر» غا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

زېلېنىسكىي: «ھازىرقى ۋەزىپىمىز رۇسىيەدە نېمىلەرنىڭ سۆزلەنگەنلىكى ۋە پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى ئۇزارتىش، شۇنداقلا ئۇكرائىناغا، مۇستەقىللىقىمىزغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە باشقا قانداق باھانىلەرنى تاپقانلىقى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىشتۇر» دېدى.

ئۇكرائىنالىق رەھبەر: «ئۇكرائىنا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق ئۆزگىرىشلەرگە تەيياردۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ۋەكىللىرىنىڭ پۇتىن بىلەن «ناھايىتى ياخشى بىر ئۇچرىشىش» ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە پۇتىننىڭ «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى» نى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق پۇتىن چېكىنىشكە دائىر ھېچقانداق ئىشارەت بەرمىدى.

رۇسىيە كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئاستا بولسىمۇ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا سۆز قىلغان پۇتىن، ترامپنىڭ دىپلوماتىيەسىنى «مۇرەككەپ بىر ۋەزىپە ۋە قىيىن بىر بۇرچ» دەپ تەسۋىرلەپ: «ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇكرائىنانىڭ بىر كېلىشىم دائىرىسىدە زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئامېرىكا پىلانىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى كىيېۋنىڭ رۇسىيە ئىگىلىۋالغان زېمىنلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە NATO ئەزالىقى سىرتىدىكى بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنى ئېلىشىنى كۆزدە تۇتاتتى.

ۋىتكوف بىلەن كۇشنېر 23-نويابىردا جەنۋەدە ئۇكرائىنالىق مۇزاكىرىچىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، مەزكۇر تەكلىپكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىككەيلەن ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن مىيامىدا قايتا كۆرۈشتى.

بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار زېلېنىسكىي ئۈچۈن نازۇك بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. زېلېنىسكىي ئۆتكەن ھەپتە، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋە مۇزاكىرىچى ئاندىرىي يېرماكنى چىرىكلىك تەكشۈرۈشىگە چېتىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى