خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەكىللىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىنلا، «لۇكئويىل» (Lukoil) غا قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەر توختىتىلدى.
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەكىللىرى، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە رۇسىيەگە قارىتىلغان بەزى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى يېنىكلىتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم مىيامىدا ئۇكرائىنالىق مۇزاكىرىچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ستىۋېن ۋىتكوف (Stephen Witkoff) ۋە جارېد كۇشنېر (Jared Kushner) نىڭ موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى ترامپنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا يولغا قويغان ئېمبارگولىرىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى قىسمەن توختىتىپ تۇردى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى، كەم دېگەندە 29-ئاپرېلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان بۇ قارارنىڭ، رۇسىيە سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «لۇكئويىل» غا تەۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىرىملەرنىڭ رۇسىيەگە قايتۇرۇلۇشىنى چەكلەيدىغان قارار بولسا، داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا.

موسكۋا 2022-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

ياۋروپالىق دىپلوماتلار رۇسىيەنى بېسىمنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن دىپلوماتىك قاناللارنى ئىشقا سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇكرائىنا ئېنىق مەلۇمات تەلەپ قىلماقتا

ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدار، ترامپنىڭ غەيرىي رەسمىي ئەلچىلىرى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋىتكوف ۋە كۇشنېرنىڭ، ئۇكرائىنا باش مۇزاكىرىچىسى رۇستەم ئۆمەروف بىلەن پەيشەنبە كېچىسى كەچلىك تاماقتا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي كىيېۋدا قىلغان سۆزىدە، موسكۋادا نېمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇكرائىنانىڭ «تولۇق ئۇچۇر» غا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

زېلېنىسكىي: «ھازىرقى ۋەزىپىمىز رۇسىيەدە نېمىلەرنىڭ سۆزلەنگەنلىكى ۋە پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى ئۇزارتىش، شۇنداقلا ئۇكرائىناغا، مۇستەقىللىقىمىزغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە باشقا قانداق باھانىلەرنى تاپقانلىقى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىشتۇر» دېدى.

ئۇكرائىنالىق رەھبەر: «ئۇكرائىنا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق ئۆزگىرىشلەرگە تەيياردۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ۋەكىللىرىنىڭ پۇتىن بىلەن «ناھايىتى ياخشى بىر ئۇچرىشىش» ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە پۇتىننىڭ «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى» نى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق پۇتىن چېكىنىشكە دائىر ھېچقانداق ئىشارەت بەرمىدى.

رۇسىيە كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئاستا بولسىمۇ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا سۆز قىلغان پۇتىن، ترامپنىڭ دىپلوماتىيەسىنى «مۇرەككەپ بىر ۋەزىپە ۋە قىيىن بىر بۇرچ» دەپ تەسۋىرلەپ: «ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇكرائىنانىڭ بىر كېلىشىم دائىرىسىدە زېمىنلىرىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئامېرىكا پىلانىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى كىيېۋنىڭ رۇسىيە ئىگىلىۋالغان زېمىنلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە NATO ئەزالىقى سىرتىدىكى بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنى ئېلىشىنى كۆزدە تۇتاتتى.

ۋىتكوف بىلەن كۇشنېر 23-نويابىردا جەنۋەدە ئۇكرائىنالىق مۇزاكىرىچىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، مەزكۇر تەكلىپكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىككەيلەن ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن مىيامىدا قايتا كۆرۈشتى.

بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار زېلېنىسكىي ئۈچۈن نازۇك بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. زېلېنىسكىي ئۆتكەن ھەپتە، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋە مۇزاكىرىچى ئاندىرىي يېرماكنى چىرىكلىك تەكشۈرۈشىگە چېتىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
كونگودا ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە 5 مىڭ كىشى قازا قىلدى
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى