سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستاندا يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2205 كىشىدىن ئېشىپ كەتتى.
ئافغانىستاندا يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ئاپەتنىڭ چوڭ كىرىزىسقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خەلقئارادىن جىددىي ياردەم سورىدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ئافغانىستاندا نۇرغۇن ئۆلكىلەردە ئىزدەش ۋە قۇتقۇرۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ،  مىڭلىغان كىش يارىلاندى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى يەكشەنبە كۈنى (31-سېنتەبىر) كەچتە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ شىمالىدا كەم دېگەندە 2205 ئادەمنىڭ جېندىن ئايرىلغانلىقىنى، مىڭلىغان ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ توختىماي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇنار ئۆلكىسىدىكى يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى رەھىمۇللاھ ھەمزالا پەيشەنبە كۈنى (4-سېنتەبىر) بايانات ئېلان قىلىپ، جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 5000 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا خارابىلىك ئاستىدا قاپسېلىپ قالغانلىقتىن، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Death toll rises in Afghanistan earthquake as aid runs dry

خەلقئارالىق ياردەم چاقىرىقلىرى

كابۇل دائىرىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان نانگەرھار، لاغمان ۋە پەنجشىر ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن تالاپەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، نانگەرھاردا كەم دېگەندە 12 ئادەمنىڭ جېندىن ئايرىلغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋەيرانچىلىقنىڭ كۆلىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئاپەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ كىرىزىسقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي خەلقئارالىق قوللاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيە پاناھلىنىش، يۈرۈشلۈك تازىلىق ئەشيالىرى ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 توننا ياردەم ئەۋەتتى. ئافغانىستانغا قوشنا پاكىستان، ئىران، خىتاي، ھىندىستان ۋە بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرى ياردەم بېرىش توغرىسىدا ۋەدە قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، يەر تەۋرەش يەكشەنبە كۈنى (31-ئاۋغۇست) كەچتە شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە،  جەلالابادنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىدىن 27 كىلومېتىر (16.7 مىل) يىراقلىقتا، يەردىن سەككىز كىلومېتىر (5 مىل) چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش، ئافغانىستان تالىبانلىرى 2021-يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇرۇش ۋەيران قىلغان بۇ دۆلەتكە ئېغىر زىيان سالغان ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەش بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye sends humanitarian aid to quake-hit Afghanistan as rescue efforts enter 3rd day

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى