ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇرسكتا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى
دائىرىلەر رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى مىخائىل گۇدكوۋنىڭ «باشقا ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا» ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
كۇرسكتا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى
كۇرسكتا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى / DPA

رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى  گېنېرال مايور مىخائىل گۇدكوۋنىڭ رۇسىيەنىڭ كۇرسك چېگرا رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پرىمورىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى ئولېگ كوجېمياكومۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى مىخائىل گۇدكوۋنىڭ كۇرسك رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

كوجېمياكو پەيشەنبە كۈنى كۇرسك رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، دوستلىرى ۋە سەپداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارWhat’s behind Ukraine’s offensive in Kursk?

كوجېمياكو گۇدكوۋنىڭ بىر ئوفىتسېر سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا سەپداشلىرى بىلەن بىرگە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «ئۇنىڭ سادىق دوستى ۋە ئورتاق سەپدىشىمىز نارىمان شىخالىيېۋمۇ قوماندان بىلەن بىللە ھاياتىدىن ئايرىلدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russia announces complete 'liberation' of Kursk region, thanks North Korean troops for support

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ غەيرىي رەسمىي ھەربىي تېلېگرام قاناللىرى ئۇكرائىنانىڭ گۇدكوۋنىڭ كۇرسكنىڭ كورېنېۋو رايونىدىكى بىر قوماندانلىق مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمىدا باشقا 10 ئەسكەر بىلەن بىللە ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ ئۇچۇر  رېيتېر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىنمۇ خەۋەر قىلىندى.

گۇدكوۋ ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن رۇسىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

گۇدكوۋ ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە نامايەن قىلغان جاسارىتى تۈپەيلى مۇكاپاتلانغان ۋە كىيېۋ تەرىپىدىن «ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مارت ئېيىدا گۇدكوۋنى دېڭىز ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى. بۇ ئۇچۇر كىرېمىل سارىيىنىڭ تور بېتىدىن ئورۇن ئالغان بىر باياناتتا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

گۇدكوۋ كۇرسكتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتىغا قاراشلىق بىر دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە ئەسكەرلەر بىرىگادىسىغا قوماندانلىق قىلغان ئىدى.

كۇرسكنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى 2024-يىلى 8-ئايدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ئىشغال قىلىنغان ئىدى. بىراق، رۇسىيە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بۇ رايونلارنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى