تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمى ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ»
خاقان فىدان ھەم رۇسىيەنىڭ ھەم ئۇكرائىنانىڭ يېقىندا تېخىمۇ ئىجابىي بىر پوزىتسىيە نامايان قىلىشى مۇمكىنلىكىگە تۈركىيەنىڭ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خاقان فىدان: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمى ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ»
خاقان فىدان: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمى ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ» / AA

بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن تۈركىيەدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر يەرنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

فىدان چارشەنبە كۈنى ت ر ت خەۋەر قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇنى ئۆتكەن ياز ئىستانبۇلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزگەن يىغىنلار بىلەن ئىسپاتلىدۇق؛ ساھىبخانلىق قىلدۇق ۋە يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلدۇق. تەرەپلەر ھەر بىر يىغىندىن ھەقىقەتەن مەمنۇن بولۇپ ئايرىلدى» دېدى.

خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاساسلىقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا، ئېھتىماللىق بولغان بىر تىنچلىق رامكىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىغا ۋە تۈركىيە مەركىزىي رول ئوينىغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق تېمىلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىدان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق مۇساپىسى توغرىسىدا ئېھتىياتچان بىر ئۈمىدۋارلىقنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەڭ مۇھىم ئىش ئۈستەلدىن تۇرۇپ كەتمەسلىكتۇر. مۇرەسسە قىلىش نىيىتى بىلەن ئولتۇرساڭلار، ئاخىرىدا بىر نەتىجىگە ئېرىشىسىلەر» دېدى.

فىدان يەنە، ئامېرىكالىق مۇرەسسەچى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ سۆھبەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۆھپە قوشالايدىغان «زۆرۈر قابىلىيەتلەر»گە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىجابىي پوزىتسىيە

فىدان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېقىندا تېخىمۇ ئىجابىي بىر پوزىتسىيە نامايان قىلىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئۈمىدنىڭ بارلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

فىدان: «رۇسىيەنىڭ ئىجابىي بىر پوزىتسىيەسى بار، مېنىڭچە ئۇكرائىنامۇ يېقىندا ئىجابىي بىر مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېدى.

فىدان ھەر قانداق بىر ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ پەقەت ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنىمۇ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەممە ئادەم خەتەر ۋە پايدىنى ھېسابلاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ بىر مۇھىتتا نىشانلارنى ئېنىق بەلگىلەش ۋە تەرەپلەرنى بۇ نىشانلارغا مەركەزلەشتۈرۈش بارغانسېرى مۇھىم ھالغا كەلمەكتە» دېدى.

قارا دېڭىز ھۇجۇملىرى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان يەنە، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن سودا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان يېقىنقى ھۇجۇملار ئۈستىدىمۇ توختالدى.

تۈركىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ لەيلەپ يۈرگەن مىنا (سۇ ئاستى پارتلاتقۇچ)ل ارغا قارشى تۇرۇش ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى، دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

فىدان: «يېقىنقى ھۇجۇملار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسى كېڭىيىۋاتىدۇ ۋە بۇ بەك خەتەرلىك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ھەمكارلىققا توسالغۇ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

«كىم بىلەن سۆزلەشسەم سۆزلىشەي، ھەممە ئادەم جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. بىر ئوچۇم ئىنسانلار تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمتۈرتكىلىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە» دېدى.

خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ مۇستەھكەم ئورگانلىرى، ھەرىكەتچان نوپۇسى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە خۇسۇسىي ئىگىلىكى بىلەن ئىشەنچلىك، ئادىل ۋە ئىقتىدارلىق بىر ھەمراھ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. سىياسىي توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تولۇق يوشۇرۇن كۈچىگە يېتىشى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish top diplomat holds talks with NATO chief, counterparts in Brussels
ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ