تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدىتۈركىيە كۈز پەسىللىك كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» غا ئەزا تەرەپلەرنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنى (COP31) غا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك كىلىمات باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» غا ئەزا تەرەپلەرنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

تۈركىيە مۇشۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (COP31) غا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدىكى بىر يىغىندا ئىمزالىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تورى تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى  مىنىستىرى، شۇنداقلا COP31 نىڭ رەئىسى مۇرات قۇرۇمنىڭ بون كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇرات قۇرۇم مەزكۇر كېلىشىمىنامىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» (UNFCCC) نىڭ باش كاتىپى سىمون ستېل بىلەن بىرگە ئىمزالىدى.

 كەڭ دائىرىلىك مۇساپە

ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇرات قۇرۇم تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىلەن بولغان ئىجادىي ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇرات قۇرۇم بون زىيارىتى جەريانىدا يەنە، نۆۋەتتە نويابىر ئېيىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان COP31 كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ ساھىبخانلىق مۇساپىسىگە ئالاقىدار سۆھبەتلەردە بولدى.

ئافرىقا كىلىمات سۆھبەت گۇرۇپپىسى، كىچىك ئارال دۆلەتلىرى سۆھبەت گۇرۇپپىسى (AOSIS)، 11 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان كۈنلۈك سۆھبەت گۇرۇپپىسى، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب دېڭىزى ئەللىرى گۇرۇپپىسى ھەمدە ئەرەب ئەللىرى گۇرۇپپىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان مۇرات قۇرۇم يەنە، گېرمانىيە مۇھىت، كىلىمات ھەرىكىتى، تەبىئەتنى قوغداش ۋە يادرو بىخەتەرلىكى ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى جوچېن فىلاسبارت بىلەن كۆرۈشتى.

ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سالغان مۇرات قۇرۇم ھېچكىم سىرتتا قالمىغان بىر COP مۇساپىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىر9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئانتاليا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى