مەدەنىيەت
3 مىنۇت ئوقۇش
نوبېل كومىتېتى : ترامپنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارزۇسى بىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ
79 ياشلىق مىلياردېر ترامپ گەرچە غەززە ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشلار داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئالتە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ «نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق» ئىكەنلىكىنى دائىم تەكىتلەيدۇ.
نوبېل كومىتېتى : ترامپنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارزۇسى بىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كېلەر ئاي (2025-يىل ئۆكتەبىر) نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارزۇسى،  نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ «بۇنىڭدىن تەۋرىنىپ قالمايدىغانلىقى» نى قاتتىق تەكىتلىگەن مۇستەقىللىقىنىڭ توسالغۇسىغا دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

ترامپ يانۋاردا (2025) ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ بۇ داڭلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ دېموكرات رەقىبى باراك ئوباما 2009-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

79 ياشلىق مىلياردېر پىرېزىدېنت ئۆزى ھەل قىلماقچى بولغان غەززە ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئالتە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇڭا بۇ مۇكاپاتقا «لايىق ئىكەنلىكى» نى ئېيتىش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەلدى.

كومىتېت كاتىپى كىرىستىيان بېرگ خاردۋىكېن (Kristian Berg Harpviken) ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، بىز بەزى نامزاتلارغا نىسبەتەن تاراتقۇلارنىڭ زور دىققەت قىلغانلىقىنى بايقىدۇق، لېكىن بۇنىڭ كومىتېتتىكى مۇنازىرەلەرگە ھېچقانداق تەسىرى يوق. چۈنكى كومىتېت ھەر بىر نامزاتنى ئۆزىنىڭ لاياقىتىگە ئاساسەن باھالايدۇ. بۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ ساھىبى 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ.»

ترامپ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەدىن بېنيامىن نېتانياھۇدىن تارتىپ ئەزەربەيجاننىڭ پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغىچە بولغان بىر قانچە چەت ئەل رەھبىرىنىڭ ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى ياكى نامزاتلىقىنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.

بىراق، ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 11 كۈندىن كېيىن، يەنى 31-يانۋارغىچە مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىنىڭ سۇنۇلۇشى كېرەكلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ يىللىق مۇكاپاتقا نىسبەتەن كومىتېتتىكىلەر بەك تېز ياكى يىراقنى كۆرەلەيدىغان بولۇشلىرى كېرەك ئىدى.

تېلېفون سۆھبىتى

بېرگ خاردۋىكېن: «نامزات بولۇش ئۇنچىۋالا چوڭ ئىش ئەمەس. ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتقا ئېرىشىشتۇر. سىلەر بىلىسىلەر، نامزات كۆرسىتىلىشكە لايىق بولغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى بىر قەدەر ئۇزۇن» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:

«نامزات كۆرسىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلار ئارىسىدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلار، ئىلگىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلار ۋە بەزى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ پىروفېسسورلىرى بار. شۇڭا، مىڭلىغان ھەتتا ئونمىڭلىغان كىشى نامزات كۆرسىتەلەيدۇ.»

نوبېل كومىتېتى بۇ يىل 338 شەخس ۋە تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان ئۇزۇن تىزىملىكتىن مۇكاپات ساھىبىنى تاللايدۇ. بۇ تىزىملىك 50 يىل مەخپىي ساقلىنىدۇ.

ئەڭ لاياقەتلىك نامزاتلارنىڭ ئىسمى قىسقا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ ۋە ھەر بىر ئىسىم مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باھالىنىدۇ.

كومىتېتنى يېتەكلەش ھوقۇقى بار، ئەمما بېلەت تاشلىمايدىغان كاتىپ بېرگ خاردۋىكېن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«كومىتېت مۇنازىرەسىنىڭ يۆنىلىشىنى، كومىتېتنىڭ بىلىم-تەجرىبىسى بەلگىلەيدۇ تاراتقۇلارنىڭ ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ دىققەتكە سازاۋەر بولغان خەۋەرلىرى ئەمەس. بىز ھەر يىلى بىر قاتار سەپەرۋەرلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بىز باسقۇچلار ۋە يىغىنلارنىڭ ھېچقانداق تەشۋىقاتنىڭ ئورۇنسىز تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىمىز.»

نورۋېگىيە «Dagens Næringsliv»گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ئىيۇل ئېيى (2025) نىڭ ئاخىرىدا نورۋېگىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى يېنس ستولتىنبېرگ (سابىق ناتو باش كاتىپى) بىلەن تاموژنا بېجى توغرىسىدا تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، تىنچلىق مۇكاپاتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مالىيە مىنىستىرلىقى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ بولغانلىقىنى دەلىللىدى، لېكىن ئىككى رەھبەرنىڭ نوبېل توغرىسىدا سۆزلەشكەن-سۆزلەشمىگەنلىكى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Donald Trump and the Nobel Peace Prize

مۇمكىنچىلىكنىڭ سىرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىمۇ؟

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ بەش ئەزاسى نورۋېگىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن بەلگىلەنسىمۇ، كومىتېت ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى پارتىيە سىياسىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل ھالدا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇنىڭ بىر مىسالى، كومىتېت نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەستايىدىل ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي، 2010-يىللىق مۇكاپاتنى خىتايلۇق ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بەردى. بۇ بېيجىڭ بىلەن ئوسلو ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ نەچچە يىل توڭلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بېرگ خاردۋىكېن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«نوبېل كومىتېتى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ، يەككە نامزاتلارنى مۇنازىرە قىلغاندا،  بۇنداق قايغۇ-ئەندىشەلەرنى نەزەرگە ئالمايدۇ.»

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ